Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاجمان
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر阿治曼
ā zhì màn
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك خەلىپىلىك. مەيدانى تەخمىنەن 260 كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ئۈچ قىسمدىن تەركىب تاپقان. بىرسى، پېرسىيە قولتۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى مەركىزى — ئاجمەن شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار، قالغان ئىككى قىسمى قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان. بۇنىڭ بىرسى، ئاجمەن شەھىرىنىڭ 60 كىلومېتر شەرقىدىكى ماناما، ئىككىنچىسى، ئاجمەن شەھىرىدىن 90 كىلومېتر شەرقىي جەنۇبتىكى ماسفۇتتىن ئىبارەت. ئاھالىسى 216 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. 60 - يىللاردىن بۇيان ھەرخىل پوچتا ماركىلىرىنى بېسىپ تارقىتىش بىلەن كۆپلەپ سىرتقى پېرېۋوت توپلىغان. يېزا ئىگىلىكى ئانچە مۇھىم ئورۇن تۇتمايدۇ. مانامادا يېزا ئىگىلىك رايونلىرى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرى تۇرۇشلۇق ئورۇنلار بار. ماسفوتنىڭ يېزا ئىگىلىكى سۇغىرىشقا تايىنىلىدۇ، خورما، كۆممىقوناق، تاماكا ئۆستۈرۈلىدۇ، مەرمەر تاش قېزىپ ئېلىنىدۇ.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى阿治曼
ā zhì màn
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.