Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئايرلاڭگا
دائىرە: دۇنيا تارىخى爱尔朗卡
ài ěr lǎng kǎ
(991 - 1049) ھىندۇنېزىيىدىكى مادالە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (1019 - 1049) دارماۋامىسانىڭ كۈيئوغلى. 1007-يىلى سىرىۋىجايا مادالەننىڭ پايتەختنى بېسىۋالغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن. 1019-يىلى ھىندى دىنى كاھىنلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە، بۆلۈنمىدىكى يەرلىك فېئودال خوجىدارلارنى بويسۇندۇرۇپ، پادىشاھلىقنىڭ بىرلىكىنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىلە سۇ ئىنشائاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇۇرشقا ئەھمىيەت بەرگەن، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى رىغبەتلەندۈرگەن. ياۋادىكى <ئاجاناۋۋا> دېگەن تارىخىي داستان مۇشۇ دەۋردە مەيدانغا كەلگەن. سىرتقا قارىتا سىرىۋىجايا بىلەن ئەپ ئۆتكەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا دۆلەت زېمىنىنى ئىككى ئوغلىغا بۆلۈپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن مادالەن پادىشاھلىقى جاڭگالا دۆلىتى ۋە كادىر دۆلىتىگە ئايرىلىپ كەتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.