Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاي راۋىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مەسچىتتە مۇنار ياكى راۋاق شەكلىدە سېلىنغان ئېگىز بىنا. ئىسلام دىنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھەر يىلى ھىجرىيىنىڭ 9 - ئېيىدا (رامىزاندا) روزا تۇتۇلىدۇ. شۇڭا 8 - ۋە 9 - ئايلارنىڭ ئاخىرقى كۈنى گۇگۇمدا يېڭى ئايغا قاراپ، روزا تۇتۇشنى باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ توغرا كۈنىنى بېكىتىش لازىم. ئىناۋەتلىك شاھىد (مۇشۇنداق ھوقۇق تاپشۇرۇلغان ئادەم ياكى ئاخۇنۇم) ئاشۇ راۋاققا چىقىپ ئايغا قارايدۇ.