Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاينېئاس
دۇنيا تارىخى
埃尼雅士
āi ní yǎ shì
قەدىمكى زامان رىۋايەتلىرىدىكى ترويا شەھىرىنىڭ قەھرىمانى. پرىئام خان جەمەتىدىن چىققان. رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، ئانگىسېس بىلەن مەبۇدە ئاپرودىتدىن تۇغۇلغانمىش. ترويا شەھىرى يۇنان بىرلەشمە ئەسكەرلىرى (ئاگامېمنون قوماندانلىق قىلغان) تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋاېلىنغاندىن كېيىن، ئوسلى ئاسكانى بىلەن بىللە تراكىيە، ئېگېي دېڭىزى، كرىت، كارفاگېن، سىتسىلىيە قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ، مىڭ تەسلىكتە يەتتە يىلدا ئىلتالىيىگە بېرىپ، لاتيۇم رايونىنى ئىگىلىگەن. كېيىن شۇ يەردىكى قەبىلىلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئوغلى دېبۇ دەرياسى ئەتراپىدا (كېيىنكى رىم شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) ئالبا لونگا شەھىرىنى قۇرغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاتا - بالا ئىككىيلەن رىمىلقلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادى ئىكەن. رىم ئىمپېرىيىىسنىڭ ياش شائىرى ۋېرگىل مۇشۇ رىۋايەتنى ئارقا كۆرۈنۈش، ئاينېئاسنى باش قەھرىمان قىلىپ 12 توملۇق داستان <ئائېنېيد> نى يازغان. <رىمنىڭ پەيدا بولۇشى> غا قاراڭ.