Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئايلانماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇ يۆنىلىشتىن بۇ يۆنىلىشكە بۇرۇلماق، چەمبەر شەكلىدە يۈرمەك.
ئەجەب بىر زامان بولدى، ئالەم چۆگىلەي دەيدۇ، يۈرەكتىكى زەرداب سۇ قانغا ئۆرلەي دەيدۇ. تۈگمەن بىر ئايلانغۇچە، ئىگىسى مىڭ ئايلىنار. يەر ئايلىنىدۇ، ئەرمۇ ئايلىنىدۇ. پىرقىراپ كەلدىم، ھېچنېمە كۆرمىدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۆز ئوقىدا، بىرەر دائىرە ئىچىدە ياكى بىرەر نەرسىنى بويلاپ ھەرىكەت قىلماق.
قېيىق دوقمۇشتىن ئايلىنىپ، چوڭ سازلىققا كەلدى.
سەيلە، تاماشا قىلماق؛ كەزمەك، ئارىلىماق.
ئالماس تېخىچە شەھەر ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرەتتى.
كۆزدىن كەچۈرمەك، تەكشۈرمەك.
مەغرىپتىن كەلگەن ئادەم ئايلىنىپ يۈرۈپ، سىرنى ئوبدان ئۇقۇۋاپتۇ.
باشقا ھالەتكە، كۆرۈنۈشكە كىرمەك، باشقا تۈس ئالماق، ئۆزگەرمەك.
يامغۇر ئاستا - ئاستا قارغا ئايلاندى.
تۇراپ ئۇنىڭ نەزىرىدە پۈتۈنلەي كاردىن چىققان. يارىماس ئادەمگە ئايلاندى.
يۈرۈشمەك، ئوبوروت بولماق.
تىجارەتتە پۇل قانچە تېز ئايلانسا، پايدا شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
توغرا كەلمەك، تەقسىملەنمەك.
ئۇنىڭ يېرى ناچار بولغاچقا، چىققان ھوسۇلى ئاران بىر موغا بەش خودىن ئايلانغان.
مەشغۇل بولماق، تۇتۇنماق.
ئادىل ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار بىلەن ئايلىنىپ قېلىپ، يىغىنغا ۋاقتىدا كېلەلمىدى.