Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئايەت
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بەلگە، نىشان؛ قۇرئان جۈملىسى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <كۆرسەتمە>، <سىمۋول>، <بۆلەك> دېگەنلىك بولۇپ، <قۇرئان كەرىم> دىكى ھەربىر قىسقا بۆلەك كۆزدە تۇتۇلىدۇ. سۈرىلەرنىڭ ھەربىر ئايىتى پۈتۈنلەي بىر ئابزاس مۇكەممەل مەنىگە ئاساسلانمايدۇ. بەزىلىرى ئوقۇلىدىغان جۈملە بويىچە ئايرىلغان، بەزىلىرىدە جۈملە ئاخىرىدا چىققان مەنا بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئاھاڭداش سۆزلەر ئايەتلەرنى ئايرىشنىڭ بەلگىسى قىلىنىدۇ. شۇڭا ئايەتلەرنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ. قۇرئاننىڭ مەدىنە نۇسخىسىنىڭ بىرىدە ئالتە مىڭ ئايەت، يەنە بىرىدە 6214 ئايەت بار (بەزى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، يەنە بىر نۇسخىسىدا 6211 ئايەت بار ئىكەن)؛ مەككە نۇسخىسىدا 6219 ئايەت؛ كۇفە نۇسخىسىدا 6236 ئايەت (بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە 6239 ئايەت)؛ بەسرە نۇسخىسىدا 6204 ئايەت؛ سۈرىيە نۇسخىسىدا 6226 ئايەت (بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە 6225 ئايەت)؛ ئاممىباب نۇسخىسىدا 6225 ئايەت بار. جۇڭگودا ۋاوڭ جىڭزەي تەييارلىغان <قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى ۋە شەرھى> دە 6246 ئايەت بار؛ ليۇجى، ماجەنلەرنىڭ ئېيتىشىچە <قۇرئان كەرىم> دە 6666 ئايەت بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
قۇرئاندا توختاپ ئوقۇلىدىغان بىر ۋە بىرقانچە جۈملىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۆلەك.