Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئايدىڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرغان ھالەت.
كۆپچىلىككە ئاياننى كېلىشتۈرۈپ ئېيتىش قىيىن. بولىدىغان ئاشلىق كۆكىدىن مەلۇم. پاكىت تىلىدىن روشەن بولار. ئىش ۋاقتى كەلسە ئايدىڭ بولار ئاسماندىكى يۇلتۇزنى ئېنىق كۆرۈپ، يۈزىدىكى قورۇقنى كۆرەلمەپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاي يۇرۇقى يورۇتۇپ تۇرغان پەيت.
ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ، ئايدىڭ كېچىلىرى ئاسفالت كوچىلاردا نىشانىم بىلەن يۈرگۈنۈم ئېسىمدىن زادى كەتمىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئاي نۇرى بىلەن يورۇغان، يورۇق.
ئايدىڭ كېچە.
ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ (ماقال).
كۆچمە. روشەن، چۈشىنىشلىك.
ھەممە نەرسە ئايدىڭ بولدى، بۇنداق بېشەم خوتۇنغا نېمە دېگىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئايدىڭ كېچە؛ ئايدىڭلىق، تۇرلۇق، پارلاق؛ ئوقۇغان، مەدەنىيەتلىك، ئىلغار پىكىرلىك كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئايدىڭ كېچىدە تۇغۇلغان قىز ياكى ھاياتى ئايدىڭ، روشەن ، نۇرلۇق بولسۇن، دېگەن مەنىدە.