Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاياكۇچۇ جېڭى
دۇنيا تارىخى
阿亚库乔战役
ā yà kù qiáo zhàn yì
لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدىكى مەشھۇر جەڭ. بۇ جەڭ پېرۇنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسىم ئېگىزلىكىدىكى قەدىمىي شەھەر ئاياكۇچۇ ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكتە ئېلىپ بېرىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1824-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى ئاساسىي كۈچنى توپلاپ ئېگىزلىكنى ئىشغال قىلغان ھەمدە ئاتلىق ئەسكەرلەر قىسمى، 13 توپچىلار باتالىيونى ماسلاشقان. توققۇز مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىي كۈچى بىلەن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى يوقاتماقچى بولغان. ئۈ مىڭدىن ئارتۇق قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى گېنېرال سۈكرىنىڭ باشچىلىقىدا، ئاز بىلەن كۆپنى يەڭگەن. ئىسپانىيە ئارمىيىسى پۈتۈن سەپتە مەغلۇپ بولۇپ، باش ۋالىي يوسى دې لا سېرنا تۆت مارشالى، ئون گېنېرالى ۋە ئىكى مىڭ ئەسكىرى بىلەن ئەسىرگە چۈشكەن. بۇ قېتىمقى جەڭ ئىسپانىيىگە قاراشلىق جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىكىگە كاپالەتلىك قىلغان جەڭ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.