Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاگرىپپا
دائىرە: دۇنيا تارىخى阿格里巴
ā gé lǐ bā
(مىلادىدىن تەخمىنەن 62 - 12 يىل ئىلگىرى) قەدىمكى رىم سەردارى. تۆۋەن قاتلامدىن كېلىپ چىققان. ئاۋگۇست (ئوكتاۋىيان) نىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشىگە ياردەملىشىپ، ئۇرۇشتا كۆزدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە كۆرسەتكەن، بولۇپمۇ سېكىست پومپېي (مىلادىدىن 36 يىل ئىلگىرى) ۋە مارك ئانتونىن (مىلادىدىن 31 يىل ئىلگىرى ئاكسىي جېڭىدە) نى مەغلۇپ قىلىش بىلەن داڭق چىقارغان. كېيىن گاللىيە ۋە گېرمانىييە (گېرمانلار) گە يۈرۈش قىلىپ غەلىبە قىلغان. پادىشاھ ئاۋگۇستنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ئۇنىڭ قىزى يۇلىئانى (ئۈچىنچى خوتۇنلۇققا) ئالغان. ئىككى قېتىم كونسۇل بولغان. رىم شەھىرىنى قۇرۇش، پانتېئون (تەڭرىلەر ئىبادەتخانىسى)، ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش مەيدانى، سۇ يوللىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى سېلىشنى پىلانلاشقا قاتناشقان. ئۇنىڭ جۇغراپىيە ئەسىرى بولۇپ (ساقلىنىپ قالمىغان)، سترابون، چوڭ پىلنى تەرىپىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.