Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاگرام ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش دېلوسى
دۇنيا تارىخى
阿格拉姆叛国案
ā gé lā mǔ pàn guó àn
1908-يىلى ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى كرودىيىدىكى سېربىيلىكلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان ۋەقە. ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى سېربىيىنىڭ <فىئوم قارارى> (دالماتسىيە بىلەن كرودىيە قوشۇلۇپ) نى قوللىغانلىقتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، سېربلار بىلەن خورۋاتلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، 1908-يىلى كرودىيە چېگرىسى ئىچىدە پان سېربىيىزم ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان دېگەن بەتتام بىلەن كرودىيىدىكى 53 نەپەر سېرېنى قولغا ئالغان ھەمدە ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش دىلوسىنى ئاگرام (يەنى زاگرېب) شەھىرىدە سوت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا. ئاۋسترىيە - سېنگرىيە ئىمپېرىيىسى تارىخشۇناس فدېدىرونغا ماقالە ئېلان قىلىشقا يول كۆرسىتىپ، سېربىيە - كرودىيە ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى سېربىيە ھۆكۈمىتى بەرگەن پارىنى قوبۇل قىلغان، ئەيىبلىگەن. ۋېندا دەرھال تۆھمەت ۋە شىكايەت قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ياۋروپانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ۋەقەگە ئايلانغان. لېكىن بارلىق شىكايەت ئويدۇرما بولۇپ، تەمىنلىگەن ھۆججەتلىرىمۇ ساختا ئىدى. شۇڭا بۇ دېلو بىلەن فرانسىيىدىكى ئالفرېد درېيفوس دېلوسى تەڭ تىلغا ئېلىنىدۇ.