Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاگونىستلار ھەرىكىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى亚哥尼斯特运动
yà gē ní sī tè yùn dòng
رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى تۆۋەن تەبقىدىكى خەلقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، شىمالىي ئافرىقىدىكى نومىدىيە ۋە ماۋرىتانيە (ھازىرقى ئالجىرىيە ۋە اراكەشنىڭ شىمالى) ئەتراپلىرىدا كۆتۈرۈلگەن. قاتناشقۇچىلار ئاساسەن نامرات دېھقانلار، قۇللار ۋە باشقا ئەمگەكچىلەر بولۇپ، كۆپىنچىسى يەرلىك خىرىستىئان دىنى <بىدئەت> دوناتو مەزھىپىنىڭ ئەزالىرى بولغان؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى <ئاگونىستلار> (مەنىسى <ئېتىقاد قىلغۇچى كۈرەشچىلەر>) دەپ ئاتاپ، ئۆزلىرىنى <ھەقىقىي خىرىستىئان دىن مۇرىتلىرى دەپ قارىغان، لېكىن بايلار ۋە ئەنئەنىچى خىرىستئان دىنى مۇرىتلىرى ئۇلارنى >كۆچمە راھىبلار< دەپ ئاتىغان. Ⅳ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن 40-يىللىرىغىچە تەرەققىي قىلىپ قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنىپ، بارغانلا يېرىدە قورۇقلارغا ھۇجۇم قىلىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، پومېشچىكلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، قەرز تىلخەتلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ، يەر ۋە مال - مۈلۈكلەرنى تەقسىم قىلغان، رىم ئەمەلدارلىرى ۋە ئەنئەنىچى خرىستىئان دىنىي جەمئىيەتلىرىگىمۇ قارشى تۇرغان ھەمدە يەرلىك ئاھالە - بەربەرلەر بىلەن بىرلىشىپ، رىمنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. ھەرىكەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى ھىپپو (شىمالىي ئافرىقىدا) ئېپىسكوپى ئاۋگۇستىن كۈچلۈك ئۆچمەنلىك ۋە ئالاقزادە بولۇش كەيپىياتى بىلەن، بۇ >تومپايلار< ئۈستىدە توختالغان. Ⅳ ئەسىرنىڭ 70 ـ يىللىرىدا، رىم تېئودوس (كېيىن پادىشاھ بولغان) نى لەشكەر باشلا چىقىپ جازالاشقا ئەۋەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرىكەت بەزىدە پەسىيىپ، بەزىدە كۆتۈرۈلۈپ، Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە داۋاملىشىپ، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇشىنى تېزلەتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.