Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاگنون
دائىرە: دۇنيا تارىخى阿格农
ā gé nóng
(1888 - 1970) يەھۇدىي يازغۇچى. ئەسلى ئىسم كزاككېس. گالتسىيە (ھازىر پولشا چېگرىسى ئىچىدە) دە تۇغۇلغان. دەسلەپتە يەھۇدىي تىلىدا ئەسەر يازغان، كېين يېۋرېي تىلىدا يېزىشقا ئۆزگەرتكەن. 1907 - 1913-يىللىرى پەلەستىن ئەتراپىدا ئەدەبىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ مەزگىلدە ئۆزىنى ئاگنون دەپ ئاتىغان. كېيىن بېرلىنغا بېرىپ يېزىقچىلىق ۋە نەشرىياتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1924-يىلدىن كېيىن ئېرۇسالىمغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە <تەۋرات> ۋە يەھۇدىي دىنىنىڭ كلاسسىك كىتابلىرىنى ۋەقەلىك قىلىپ، ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن، مەسىلەن، <يېڭى توي قىلغان يوكتاي>، <كېچىدە كەلگەن مېھمان> قاتارلىقلار. كېيىنكى مەزگىللەردە ئىسرائىلىيىلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى يېزىپ، يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ئەنئەنىسىنى تەكىتلىگەن، مەسىلەن، <تۈنۈگۈن ۋە ئۈلۈشكۈن> قاتارلىقلار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئون نەچچە دۆلەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە. 1966-يىلى يەھۋدىي ئايال يازغۇچى ساكىس بىلەن بىللە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.