Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاغزى ئىتتىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئويلىماي، ئاغزىغا كەلگەننى دەۋېرىدىغان.
سودىگەرچىلىككە ئايىغى چاققان، ئاغزى ئىتتىك ئادەم بولۇشى كېرەك. ئايشەمگۈلنىڭ ئاغزى يېنىك، بەزى گەپلەرنى ئويلىمايلا دەپ سالىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاغزى ئىتتىك، ئاغزى يېنىكنىڭ قىلىقى.
«قىلماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ.
ئاغزى ئىتتىكلىك دوستلۇقنى بۇزىدۇ. ئاغزى يېنىكلىك يېڭىلىشكە سەۋەب بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئويلىماي سۆزلەيدىغان، ئاغزىغا كەلگەننى يۈز - خاتىرە قىلماي دەيدىغان.
- ئاغزىڭ ئىتتىك - دە بالام، - دېدى دادىسى غۇلامغا، - ھېلىقى گەپنى ئۇ يەردە دېمەسلىك كېرەك ئىدى.