Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاغمىچىلىق
دۇنيا تارىخى
机会主义
jī huì zhǔ yì
فرانسۇز تىلىدىكى بىر سىياسىي ئاتالغۇدىن كەلگەن. ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدە گامبېتا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلىپ، بارلىق كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، <مۇۋاپىقى پەيت> نى تاللاپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1876-يىلى 2-ئايدا نەشر قىلىنغان <كىشىلىك ھوقۇق گېزىتى> دە روشېفورت (1830 - 1913) نىڭ ماقالىسىدە گامېتانى تۇنجى قېتىم <ئاغمىچى> دەپ ئاتىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، <ئوپپورتۇنىزم> دېگن سۆز مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققانىكەن. يەنە بىر ئېيتىلىشتا ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىتالىيىدە مەيدانغا كەلگەن دېيىلگەن. شۇ چاغدا بىر گۇرۇھ سىياسىي كۈچ كاۋۇرنىڭ ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىنى ئاقمايدۇ دەپ قاراپ، مۇرەسسەچىلىك يولىغا يەنى <ئوپپورتۇنىزم> يولىغا مېڭىشنى تەشەببۇس قىلغان. <ئوپپورتۇنىزم> ھازىرقى زامان سىياسىي ئاتالغۇسى سۈپىتىدە، پرىنسپنى قۇربان قىلىپ كۆز ئالدىدىكى ئىشلارغا مادارا قىلىش، ۋاقىتلىق مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ھەرىكەت ئۇسۇلى ياكى سىياسىي لۇشيەننى؛ خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى تارىخىدا بولسا ماركسىزملىق پرىنسىپتىن ئېغىشتىن ئىبارەت خاتا لۇشيەننى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئوڭچىل ۋە سولچىل ئاغمىچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بار. ئالدىنقىسى ئىدىيىدە ئەمەلىيەتنىڭ ئارقىدا قېلىپ، ئۆزگەرگەن ئوبيېكتىپ ئەھۋالغا قاراپ ئالغا باسماي، تارىخ چاقىنى ئارقىغا ياندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش؛ ئىنقىلابىي كۈرەشلەردە بولسا دۈشمەن كۈچىنى ئارتۇقچە يۇقىرى مۆلچەرلەپ، پرىنسىپتىن ۋاز كېچىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلماسلىق، ھەتتا دۈشمەننىڭ بېسىمى ئالدىدا چېكىنىپ قېچىش ۋە تىز پۈكۈپ تەسلىم بولۇش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئېنگېلس مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئوڭچىل ئوپپورتۇنىزمنىڭ ماھىيىتى <كۆز ئالدىدىكى ۋاقىتلىق مەنپەئەتنى دەپ، تۈپ ئۇلۇغ پىلانلارنى ئەستىن چىقىرش؛ بىر مەزگىللىك مۇۋەپپەقىيەتكىلا بېرىلىپ كېتىپ، ئاقىۋىتى بىلەن ھېسابلاشماسلىق؛ ھەرىكەتنىڭ ھازىرقىسىنى دەپ، ئۇنىڭ كەلگۈسىنى قۇربان قىلىش> تىن ئىبارەت. (<ماركس - ئېنگېلس ئەسەرلىرى> 22-توم، خەلق نەشرىياتى 1965-يىل خەنزۇچە نەشرى، 274-بەت). كېيىنكىسى ئىدىيىدە ئوبيېكتىپ جەريانىنىڭ مۇئەييەن تەرەققىيات باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، خام خىيالنى ھەقىقەت دەپ قاراپ، شۇ چاغدىكى زور كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلىپ، ئىنقىلابنىڭ شەرت - شارائىتى تېخى ھازىرلانماي تۇرۇپلا، يېنىكلىك بىلەن ئىنقىلاب قوزغاپ، قاراملىق ۋە تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ھەمدە تەشكىلىي جەھەتتە مەزھەپچىلىك ۋە چېكىدىن ئاشقان كۈرەش بىلەن شۇغۇللىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەر ئىكىسى بۇرژۇئازىيە ياكى ئۇيششاق بۇرژۇئازىيە ئىدىيىسىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپنى، بىلىش بىلەن ئەمەلىيەتنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتىشنى بەلگە قىلىدۇ ھەمدە مەلۇم شارائىتتا بىر - بىرىگە ئايلىنىدۇ. پرولېتارىياتنىڭ ئىنقىلابىي ئىشلىرىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. لېنىن مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: <ئوپپورتۇنىزمچىلار، ئوبيېكتىپ جەھەتتە بۇرژۇئازىيىنىڭ سىياسىي قوشۇنى، بۇرژۇئازىيە تەسىرىنى تارقاتقۇچى، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى گۇماشتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.> (<لېنىن ئەسەرلىرى> 12-توم، خەلق نەشرىياتى 1959-يىل خەنزۇچە نەشرى، 223-بەت). ماركسىزم <سول> چىل ۋە ئوڭچىل ئوپپورتۇنىزمغا قارشى ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىش جەريانىدا تەرەققىي قىلغان.
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
(1)fǎn fù wú cháng ,dòng yáo bú dìng 。(2)lí jīng pàn dào
(1)反复无常,动摇不定。(2)离经叛道
ئۇنىۋېرسال
机会主义
jī huì zhǔ yì