Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاغدۇرماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئاغماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي درىجىسى.
مەن دەرھال كۆزۈمنى ئابدۇللارغا ئاغدۇردۇم.
كۆچمە. ھاكىمىيەت ئۈسىتىدىن ياكى يۇقىرى مەنسەپتىن ئېلىپ تاشلىماق، چۈشۈرمەك، يىقىتماق.
1830 - يىلى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە پارىژدا ئىنقىلاب پارتلاپ، بوربون سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.
ئۈستىگە يۈكلەنگەن، تېڭىلغان گۇناھ، جىنايەتنى يوققا چىقارماق.
ئەنزە ئاغدۇرماق.