Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئافاناسېۋ
دائىرە: دۇنيا تارىخى阿法纳西也夫
ā fǎ nà xī yě fū
-1859 - 1905( روسىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىشچى ئىنقىلابچىسى. دېھقاندىن كېلىپ چىققان. 1887-يىلى پېتربۇرگ توقۇمىچىلىق فابرىكىسىغا كىرىپ ئىشلەپ، ئىنقىلابىي پائالىيىتىنى باشلىغان.1891-يىلى روسىيىدە ] 1-ماي [ نى تۇنجى خاتىلەش يىغىلىشىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئىشچىلارنى تەشكىللىنىپ، مۇستەبىت تۈزۈمگە ۋە كاپىتالىستلارغا قارشى كۈرەش ئلىپ بېرىشقا چاقىرغان. ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنغان. 1905-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە ئىۋانوۋۇ ۋوزنېسېنىسكى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. شۇ يىلى 12-ئايدا تالكا دەرياسى بويىدىكى يىغىلىشقا قاتناشقان چاغدا، قارا يۈز كىشىلىك ئۆمەك تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.