Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئادونىس
دۇنيا تارىخى
阿多尼斯
ā duō ní sī
قەدىمكى يۇنان ئەپسانلىرىدىكى چىرايلىق ياش. سىپروس ئارىلىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ياپوسنىڭ پادىشاھى كىنىراس بىلەن قىزى مىررادىن تۇغۇلغانمىش. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا تەڭرى ئەلچىسى مىررا بىر تۈپ شاپتۇل دەرىخىگە ئايلىنىۋالغانمىش. بۇ دەرەخ ئاخىر چىرايلىق ئادونىسنى تۇغۇپتۇ، مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك خۇداسى ئافرودىت ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ، ئۇ ئادونىسنى ساندۇققا يوشۇرۇپ قويۇپ، مول ھوسۇل مەبۇدىسى پېرسېفنىغا ساقلاپ بېرىشكە تاپشۇرۇپتۇ، كېيىن پېرسېفونى ئادونىسنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ئۇنىماپتۇ. باش خۇدا زېۋىس بۇنىڭدىن كېيىن ئادونىس بىر يىلنىڭ تۆت ئېيىدا پېرسېفونى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، تۆت ئېيىدا ئافرودىت بىلەن بىرگەتۇرمۇش كەچۈرىدۇ، تۆت ئېيىدا ئافرودىت بىلەن بىرگەت تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، تۆت ئاينى ئۆزى باشقۇرىدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقىرىپتۇ، لېكىن ئادونىس ئۆزىگە تەۋە ئاينى ئافرودىت بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈپتۇ. ئادونىس شىكارغا چىققاندا قاۋان توڭگۇز تەرىپىدىن يارىلىنىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئافرودىت ئىنتايىن ھەسرەت چېكىپتۇ. ئادونىسقا چوقۇنۇش يۇنان رايونى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يېقىن شەرقتىكى جايلار، مەسىلەن، فىنىكىيىدىكى پېبلوس، مىسىردىكى ئىسكەندرىيە قاتارلىق جايلارغىمۇ خېلى كەڭ تارقالغان ھەمدە ئۇ ئۆسۈملۈكتىن قايتا تۇغۇشنى تىلەش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئۇنىۋېرسال
阿多尼斯
ā duō ní sī