Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئادىنا مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ بېنگالدىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى فاندزئا شەھىرىدە. بۇ مەسچىتنى تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ باشلىقى ئىسكەندەر شاھ (1358 - يىلىدىن 1389 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) بېنگالغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەسلەپكى چاغلاردا سالدۇرغان. مەسچىتنىڭ غايەت چوڭ ھويلىسى تۆت چاسا بولۇپ، ئەگمە ئىشىك ئورنىتىلغان. تۈۋرۈكلۈك كارىدور ئاساسىي ئىمارەتنى ئوراپ تۇرىدۇ. بۇ مەسچتكە ھىندى بۇتخانىسىدىن چۇۋۇپ ئېلىنغان ماتېرىياللار ئىشلىتىلگەن. مەسچىت ئۈستىدىكى تۈز لەمپىنى پاكار تام ئوراپ تۇرىدۇ. تام ئىچىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا چوڭ گۈمبەز ياسالغان. پۈتۈن مەسچىتتە مېھرابسىمان 306 ئەگمە ئىشىك بار. مەركىزىي نامازخانىنىڭ بۇرۇنقى گۈمبىزى قىڭغىيىپ قالغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە رېمونت قىلىنمىغان. مەسچىتنىڭ ئۇدۇلىدىن كىرىدىغان جايدىكى تاش توساقنىڭ قالدۇقلىرى قالغان. ناماز زالى ئەڭ كاتتا بولۇپ، ئۇنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا بېنگال ۋە بىھار ئەتراپىدىكى بۇددا دىنى ۋە ھىندى دىنىنىڭ قەدىمكى بۇتخانىلىرىدىكى بۇت تەكچىلىرى شەكلىدىكى نامازخانا تەقلىد قىلىنغان. مەسچىتنىڭ تاملىرىغا بىدە يوپۇرمىقى شەكلىدىكى گۈللۈك نەقىشلەر ئويۇلغان تاش تاختايلار ئورنىتىلغان. «قۇرئان كەرىم» دىكى سۈرىلەر يېزىلغان.