Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئادىل ئەمگەك ئۆلچىمى قانۇنى
دائىرە: دۇنيا تارىخى公平劳动标准法
gōng píng láo dòng biāo zhǔn fǎ
ئەمگەك ۋاقتىغا قاراپ ئىش ھەققى بېرىش قانۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر خىل ئەمگەك قانۇنى لايىھىسى. 1938-يىلى 6-ئايدا ماقۇللانغان. ئۇنىڭدا: ياللانما ئىشچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى بىرىنچى يىلى ھەر بىر سائىتىگە 25 تىيىن بولۇپ، كېيىنچە 40 تىيىنغا ئۆستۈرۈلىدۇ. ھەر ھەپتىلىك ئىش ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولغاندا 40 سائەت بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. كېيىن بۇ قانۇن كۆپ قېتىم تەڭشەلگەن. مەسىلەن: 1950-يىلى ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ھەر سائىتىگە 75 تىيىن قىلىپ تەڭشەلگەن. قانۇن لايىھىسى تەتبىقلىنىدىغان ئوبيېكتلار كۆپەيتىلىپ 8 مىليونغا يەتكەن. ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ياللانما خادىملىرى ۋە ئائىلە خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.