Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئادەتتىن تاشقىرى بالا
پسىخولوگىيە
超常儿童
chāo cháng ér tóng
بۇ پەۋقۇلئاددە بالا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ بالىدىكى بىر خىل پسىخىك تەرەققىياتنى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ بۇنىڭدا ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتى تەڭ ياشلىق بالىلارنىڭ سەۋىيىسىدىن ئېشىپ كەتكەن بالىلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەقلىي قابىلىيىتى جەھەتتە ئادەتتىن تاشقىرى بالىلاردىن باشقا يەنە بىر خىل ئالاھىدە قابىلىيەتلىك ياكى ئالاھىدە قابىلىيىتى تولىمۇ تەرەققىي قىلغان بالىلار بولىدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى ياخشى تەرەققىي قىلغان ئاساستا ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر خىل ياكى مەلۇم بىر جەھەتتىكى قابىلىيىتى (مەسىلەن، مۇزىكا، رەسساملىق، شائىرلىق قاتارلىق جەھەتلەردە) ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىدۇ.
ئادەتتىن تاشقىرى بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى بىلەن ئالاھىدە قابىلىيىتىنىڭ ئاجايىپ تەرەققىي قىلىشى، ئۇلارنىڭ ياخشى جىسمانىي شەرتكە ئىگە بولۇشىدىن باشقا، ئاساسلىقى، يەنى بەلگىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە بولغىنى يەنىلا ئۇلارنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى شارائىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقىدۇر. بۇ بالىلارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بالا بولۇپ قېلىشىدىكى ئاچقۇچلۇق شەرت ئۇلارغا ئوقۇش يېشىغىچە بولغان مەزگىلدە بېرىلگەن مۇۋاپىق تەربىيىدىن ئىبارەت.