Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
亚的斯亚贝巴
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرىyà dì sī yà bèi bā
ئەددىس ئەبېبەDئۇنىۋېرسال
yà dì sī yà bèi bā
ئەددىس - ئەبېبە
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەرئەددىس - ئەبېبە
ئېفئوپىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ (1948، ئەددىس — ئەبېبە 1887 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. بۇ جايغا پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ 50% توپلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە توقۇمىچىلىق، بىناكارلىق، ياغاچچىلىق، چاپلىما پەن ئىشلەپچىقىرىش، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، تېرە - خۇرۇم، مېتالچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەددىس — ئەبېبە دۆلەتنىڭ مۇھىم كوفې،ئاشلىق، تېرە — خۇرۇم قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرى. بۇ جايدا خەلقئارا ئايرودۇمى، ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش باشقۇرۇش ئورنى بىلەن ب د ت نىڭ ئافرىقا ئىقتىسادىي كومىتېتى، دۆلەتنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئارخئولوگىيە مۇزېيى، چېركاۋلار ھەمدە مىنرىك خان سارىيى قاتارلىق تارىخىي ئورۇنلار بار. ئەددىس — ئەبېبە ئاخمارچە سۆز بولۇپ، <يېڭى گۈل> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەددىس — ئەبېبە گەرچە تروپىك دائىرىسىگە جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2450 مېتردىن يۇقىرى بولغانلىقتىن، ھاۋاسى بەك ئىسسىق بولمايدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 14℃-17℃ ئارىلىقىدا بولىدۇ. يىللىقىدا ھۆل - يېغىن مىقدارى 1263 مىللىمېتر بولۇپ، تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە گۈللەر قىپقزىل ئېچىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ شەھەرگە ئەددىس — ئەبېبە دەپ نام بەرگەن.
GetWord كۇللىياتى
ئاھاڭ: 8yà de sī yà bèi bā
ئەددىسئەبېبە
ئەددىس-ئەبېبە
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.