Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
亚得里亚海
دائىرە: ئۇنىۋېرسالyà dé lǐ yà hǎi
ئادرىئاتىك دېڭىز
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەرئادرىئاتىك دېڭىزى
ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا قىتىئەلىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ تارماق دېڭىزى. ئۇ ئاپىنىن يېرىم ئارىلى بىلەن بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. ئۇ ئوترانتو بوغۇزى ئارقىلىق ئىئونىيە دېڭىزى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 132 مىڭ كۋادرات كىلومېتر. ئادرىئاتىك دېڭىزىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 200 مېتر ئەتراپىدا، ئوترانتو بوغۇزى ئەتراپىدىكى ئەڭ چوڭقۇر جايىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 1589 مېتر كېلىدۇ. 1 - ئايدىكى سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى شىمال قىسمىدا 7℃، جەنۇبىدا 13℃-14℃، ئاۋغۇست ئايلىرىدا 24℃-25℃ كېلىدۇ. شورلىنىش دەرىجىسى شىمالىي قىسمىدا 30% دىن 35% گە، شەرقىي جەنۇبىدا كۆپىيىپ 38% كە بارىدۇ. ئادىرىئاتىك دېڭىزىدا بېلىقچىلىق ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭ ئەتراپىدا ۋېنتسىيە، تىرېست، ئانكونا، بارى، بىرىدىزى (ئىتالىيىدە)، رىيېكا، سىپلىت (يۇگوسلاۋىيىدە)، دوررېس، ۋىلورا (ئالبانىيىدە) قاتارلىق مۇھىم دېڭىز پورتلىرى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.