Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاداشماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۆنىلىشنى، يولنى يوقىتىپ قويماق، نىشاننى بىلمەي قالماق.
ئادەم ئازىدۇ. يولدىن ئازساڭمۇ، يۇرتتىن ئازما. ئات ئازسا، تايغا ئەگىشەر. ئاداشقاننى ئارقىسىدىكى بىلەر، يېڭىلگەننى يېنىدىكىسى. ئىككى قېتىم يول سوراش بىر قېتىم ئاداشقاندىن ئەلا. بۈگۈن يولدىن تېنىگۈجە، ئاخشام خەقتىن سورىساڭچۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
نىشان، يول، ھېساب، پىكىر، سۆز، خىيال، ئەقىل قاتارلىقلاردىن ئازماق.
يولدىن ئاداشماق.
ياخشىنى ماختىساڭ يارىشىدۇ، ياماننى ماختىساڭ ئادىشىدۇ (ماقال).
سەۋەنلىك ئۆتكۈزمەك، خاتالاشماق، يولدىن چىقماق.
ئۇ ئاداشقان ياشلارنى يېتەكلەش، تەربىيىلەش، ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى.