Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئادامس
دۇنيا تارىخى
亚当斯
yà dāng sī
(1) جون ئادامس (7351 - 1826). ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1797 - 1810). فېدىراتسىيىچىلەردىن. ماسسا چۇسېتس شتاتىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئادۋوكات بولغان. 1774- ۋە 1775-يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىرىنچى، ئىكىنچى نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىلى بولغان ھەمدە مۇستەقىللىك خىتابنامىسىنى تەييارلاشقا قاتناشقان. 1777 - 1779-يىللىرى ئارىلىقىدا كۆپ قېتىم فرانسىيىگە ئەلچى بولۇپ بارغان. 7821-يىلى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئۇرۇش توختىتىش «پارىژ سۈلھ كېلىشىمى» نى ئىمزالاشقاقاتناشقان. 1789 - 1797-يىللىرى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1796-يىلى زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا، 1799 - 1800-يىللىرى فرانسىيىنىڭ دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىكىنى ئىككى قېتىم مەغلۇپ قىلغان؛ مەملىكەت ئىچىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇپ، 1798-يىلى دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنى، چەتتىن كېلىپ ماكانلىشىپ قالغانلار قانۇنى، قارشىلىشىۋاتقان چەت ئەل مۇھاجىرلىرى قانۇنى، توپىلاڭنى باستۇرۇش قىانۇنى، ئۆي - جاي بېجى قانۇنى لايىھىسىنى ئېلان قىلىپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. فېدېراتسىيىچىلەرنىڭ ئابرويىنىمۇ تۆككەن. (2) جون كۇئىنسى ئادامس (1767 - 1848). ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1825 - 1829). ئىككىنچى قېتىم زۇڭتۇڭ بولغان جون ئادامسنىڭ ئوغلى. مىللىي جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن ماسساچۇسېت شتاتىدا تۇغۇلۇپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1794-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئامېرىكىنىڭ گوللاندىيە، پرۇسسىيە، روسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان. 1814-يىلى ئەنگلىيە بىلەن «گېنت شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. 7181 - 1824-يىللىرى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولۇپ، «مونرو خىتابنامىسى» نى ئاساسلىق پىلانلىغۇچى بولغان. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ خۇسۇسىيلار شىركىتىگە ياردەم بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ زور كۈچ بىلەن تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، تۆمۈريول شىركىتىگە كۆپلەپ يەر ئىنئام قىلغان؛ قوغدىنىش چېگرا بېجىنى يولغا قويۇپ، 1828-يىلى چېگرا بېجىنى ئۆستۈرىدىغان چېگرا بېجى قانۇن لايىھىسىنى تەستىقلىغانلىقتىن، جەنۇبتىكى قۇلدارلارنىڭ قاتتىق سوققىسىغا ئۇچرىغان. ئۇدا زۇڭتۇڭ بولۇشنى تالىشىپ مەغلۇپ بولغان. 1831 - 1848-يىللىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتىغا بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلۈپ، سمىسشان ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (3) ھېنرى ئادمس (8381 - 1918). ئامېرىكا تارىخشۇناسى. مەرتىۋىلىك ئائىلىدە تۇغۇلغان. چوڭ بوۋىسى ۋە بوۋىسى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان. دادىسىمۇ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ساھەسىدە مۇھىم شەخس بولغان. 1858-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ياۋروپاغا بېرىپ ئوقۇغان ۋە ساياھەت قىلغان. كېيىن دادىسى بىلەن بىللە ئامېرىكىنىڭ ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئىشلىگەن. 1870 - 1877-يىللىرى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا «سېمىنار» (تەتقىقات سىنىپى) ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئالدى بىلەن قوللىنىپ، تارىخ ئىلمىدە كەسپىي ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرگەن. «شىمالىي ئامېرىكا ئوبزورى» نىڭ تەھرىرى بولغان. 1894-يىلى ئامېرىكا تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1895-يىلدىن بۇرۇن ئاساسەن ئامېرىكا تارىخىنى تەتقىق قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا مائارىپ ئىشلىرىغا كۈچ چىقارغان ھەمدە تارىخ پەلسەپىسى مەسىلىسىنى بېرىلىپ مۇھاكىمە قىلغان. توقۇز توملۇق «جېففېرسون ۋە مادىسون ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى ئامېرىكا تارىخى»، «دېموكراتىيە ئەقىدىيىلىرىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى» ۋە تەرجىمىھال - «ھېنرى ئادامسنىڭ تەربىيىلىنىشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (4) ھېربېرت باكستېر ئادامس (1850 - 1901). ئامېرىكا تارىخشۇناسى. 1872-يىلى ئامسىت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، كېيىن گېرمانىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. 1876-يىلى ھېدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە دوكتورى ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان، «رانكې ئىلمىي ئېقىمى» نىڭ شاگىرتلىرىنىڭ شاگىرتى. شۇ يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ بېرىپ، خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىغدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، تارىخ پروفېسسورى بولغان. 1884-يىلى ئامېرىكا تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىنى تەشكىللەشكە قاتناشقان ھەمدە بۇ جەمئىيەتنىڭ كاتىپى بولۇپ، 1900-يىلغا كەلگەندىلا بۇ ۋەزىپىدىن قالغان. ئۇ «رانكې ئىلمىي ئېقىمى» نىڭ تارىخ نەزەرىيىسى ۋە تارىخ مېتودولوگىيىسىنى ماختىغان ھەمدە «سېمىنار» (تەتقىقات سىنىپى) ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كىرگەن. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى قاپلاپ، بىر قەدەر زور تەسىر پەيدا قىلغان. «جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ۋە پولىتىكا تەتقىقاتى» توپلاملىرىنى تۈزۈپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا «جېرېدې سباكېسنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (5) جامېس ترۇسلوۋ ئادامس (1878 - 1949) ئامېرىكا تارىخشۇناسى. 8981-يىلى برۇكېلىن ھۈنەر - سەنئەت ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ئىككى يىلدىن كېيىن يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. نيۇيورك ئاكسىيە سودا بازىرىدا ئىشلىگەن، كېيىن مەخسۇس تارىخ ئەسەرلىرىنى يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ، تارىختا بولغانلىكى ئىشنىڭ ئىزىنى تاپقىلى بولىدۇ، ئىنسانىيەت تارىخى باشلانغاندىن ئاخىرىغىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ بارىدۇ؛ تارىخشۇناسلار ئۆزلىرى بىلگەن ئىشلارنى ۋە شۈبھسىز توغرا بولغان پاكىتلارنى شەرھلىشى كېرەك. تارىخشۇناسلار ھەرقانداق ئەسىرىنى مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك يېزىشقا تىرىشىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىشى لازىم، دەپ ھېسابلىغان. «يېڭى ئەنگلىيىنىڭ قۇرۇلۇشى»، «ئىنقىلابىي يېڭى ئەنگلىيە، 1691 - 1776-يىللار» ۋە «1776 - 1850-يىللاردىكى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدىكى يېڭى ئەنگلىيە» ناملىق ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇ ئۈچ ئەسەر تارىخشۇناسلىقتا مەشھۇر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا «1690 - 1763-يىللاردىكى جايلار ئىجتىمائىيىتى»، «ئادامس جەمەتى»، «ئامېرىكا داستانلىرى» قاتارلىق كىتابلارنى يازغان ھەمدە «<ئامېرىكا تارىخ لۇغىتى» (ئالتە توم)، «ئامېرىكا تارىخى خەرىتىلەر توپلىمى» ۋە «ئامېرىكا تارىخىدىن تاللانمىلار» (تۆت توم) قاتارلىقلارنى تۈزگەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
亚当斯
yà dāng sī