Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئادالەتلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنى ھېچ تەرەپكە يان باسماي، توغرا ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلغۇچى.
ۋاقىت ھەممىدىن ئادىل، ئۇ ھېچكىمگە بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ ئارتۇق بەرمەيدۇ. ھەققانىي ئادەم ھېچقاچان ھىيلە ئىشلەتمەيدۇ. ئادالەتلىك ئېغىزدىن يامان سۆز تارتىنار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەق - ھەقىقەتكە ئاساسلانغان. ئادىل كىشى، ئادالەتلىك ئۇرۇش
ئادالەتسىز، زوراۋان
ھەق - ھەقىقەتكە ئاساسلانمىغان. زوراۋانسىز كىشى، ئادالەتسىز ئۇرۇش
ئادالەتلىك ئېغىزدىن يامان سۆز تارتىنار. ئادالەتلىك يېڭەر، ئادالەتسىز يېڭىلەر. ئادالەتلىك ئىشتا ئاجىز كۈچلۈكنى يېڭىدۇ. ئادالەتسىزنىڭ يۈزى قارا، گۆرى تار. ئادالەتسىز ھۆكۈمراننىڭ ئۆمرى قىسقا. ۋاقىت ھەممىدىن ئادىل. پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار. شەيتانغىمۇ ئادىل بول. ھەققانىي ئادەمنىڭ ھىيلىنىڭ لازىمى يوق. ۋاقىت ئەڭ ئادىل سودىيە. زوراۋان زارىقىپ ئۆلەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ھەققانىيەتلىك بىلەن ئىش قىلىدىغان، ھەققانىيەتكە ئاساسلانغان؛ ئادىل.
ئادالەتلىك ئۇرۇش.