Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاچېسون
دۇنيا تارىخى
(1893 - 1971) ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى (1949 - 1953). دېموكرات. يالې داشۆسى ۋە خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دېڭىز ئارمىيىسىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن. كېيىن ئادۋوكات، سوتچى بولغان. 1933-يىلى روزۋېلت ھۆكۈمىتى مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. ئالتە ئايدىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە سىياسىتىگە قوشۇلمىغانلىقتىن ئىستېپا بەرگەن. كېيىن ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ۋە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرىدە ترومىننىڭ كوممۇنىزمنى چەكلەيدىغان «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» نى ئاكتىپلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرغان. شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدىنامىسى تەشكىلاتىنى قۇرۇشتا، «ئامېرىكا - ئاۋسترالىيە يېڭى بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى» ۋە «ياپونىيە - ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى» نى تۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىغان. ترومىن ھۆكۈمىتىنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىشىنى قوللىغان. كېيىن ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرق سىياسىتى بەربات بولغانلىقتىن، پارلامېنتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ يەنە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ تاشقى سىياسەت باياناتچىسى بولغان. ئۇنىڭ «ئەمەلىي كۈچ ۋە دىپلوماتىيە»، «سەھەر ۋە چۈش» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.