Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاچماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېتىز - ئېرىققا سۇ باشلايدىغان يەر.
<ئاچماق>، <باشلاق> خوتەن دېئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
يېرىڭ تاش بولسىمۇ، ئېچىقىڭ باش بولسۇن. سۇ ئېغىزنى بۇزۇۋەتمىسۇن، سۇ زايە بولمىسۇن. باشلاق ياخشى بولسا، تاشلىقتىمۇ ئاش بولىدۇ. سۇ بېشى پۇختا بولسا، يېرىڭ سۇلۇق بولىدۇ.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
ئېچىق، باشلام، ئاچما، ئېرىق - ئۆستەڭلەرنىڭ ئېچىقى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① قورساق ئېچىپ كەتمەك؛ ② ئېچىۋەتمەك، يېشىۋەتمەك، ھەل قىلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
توسۇپ تۇرغان توساقنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويماق ياكى ئېلىپ تاشلىماق.
پەردىنى ئاچماق. يول ئاچماق.
قورقما، ھەي زۆرەم! مەن سادىق، ئىشىكنى ئاچ.
ئورالغان، يېپىلغان، چىگىلگەن، كۆمۈلگەن نەرسىلەرنى شۇ ھالەتتىن خالىي قىلماق.
ساندۇقنى ئاچماق. قۇلۇپنى ئاچماق. ئورىنى ئاچماق.
ئون قەدەم ئالدىدا كېتىۋاتقان ئايال ئارقىسىغا قاراپ، بېشىدىكى پەرەنجىسىنى ئېچىپ بىر قارىدى - دە، يەنە گەپ قىلماي ئالدىغا قاراپ كېتىۋەردى.
قاتلانغان، يىغىلغان، پۈكۈلگەن، پوملانغان نەرسىلەرنى يايماق، كەرمەك.
كىگىز ئاچماق. قۇچاق ئاچماق.
ئانار ئۆزىمۇ ئانىسى ئېلىپ چىققان داستىخاننى ئېچىپ، ئانىسىغا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇردى.
قۇرۇپ، ياساپ، پۈتتۈرۈپ ئىشقا چۈشۈرمەك، پائالىيەت باشلىماق.
مەكتەپ ئاچماق. دۇكان ئاچماق.
نەرسە، ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ ماھىيىتى، خۇسۇسىيىتىنى، سىرىنى ئاشكارىلىماق؛ ئېنىقلىماق، يەشمەك.
تەبىئەتنىڭ سىرىنى ئاچماق. ئەپت - بەشىرىسىنى ئاچماق. زىددىيەتلەرنى ئاچماق.
بىرەر نەرسىنىڭ ھەرىكىتىگە يول بەرمەك؛ باشلىماق، ئاققۇزماق.
گەپ ئاچماق. سۆز ئاچماق. سۇ ئاچماق.
ئۆزلەشتۈرمەك، پايدىلانغۇدەك قىلماق، ئىشقا كىرىشتۈرمەك.
يەر ئاچماق. كان ئاچماق. نېفىتلىكنى ئاچماق.
كۆپچىلىكنى بىريەرگە يىغىپ مۇزاكىرە قىلماق ياكى بىرەر ئىشنى، مەقسەتنى ئۇقتۇرماق.
مەجلىس ئاچماق.
خۇشال قىلماق، شادلاندۇرماق.
ئۇلار ئوۋ ئوۋلاپ، سەيلە - تاماشا قىلىپ كۆڭۈل ئېچىپ باشقا يەرگە يۈرۈپ كېتىپتۇ.
كۈچەيتمەك، راۋانلاندۇرماق، ئۆستۈرمەك.
كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ زېھنىنى ئېچىپ، تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ.
ماڭدۇرماق، ھەرىكەتكە كەلتۈرمەك.
رادىئونى ئاچماق. تېلىۋىزورنى ئاچماق.
ھۆسنىگە ھۆسن قوشماق، گۈزەللەشتۈرمەك.
ئىران نۇسخىلىق يېڭى گىلەم ئۆينى بەك ئېچىپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قورساققا يېگەن نەرسە ھەزىم بولۇپ، تاماق يېيىشنى تەلەپ قىلماق.
قورساقنىڭ ئاچقىنى - ئەقىلنىڭ قاچقىنى (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. ئېچىق، باشلام، ئاچما.