Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاچچىقىغا ھاي بەرمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاچچىق - غەزەپكە سەۋرى قىلماق، ئۆزىنى تۇتۇۋالماق.
ئاچچىقىغا ھاي بەرمەك ئۇلۇغلۇق. ئاچچىقىڭنى باسساڭ، نەپ ئالىسەن. بوۋاينىڭ ئاچچىقى تېز كېلىپ، تېز يانىدۇ. يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقىنى يەڭگەن باتۇر. ئاچچىقىنى يۇتماق _ تاغ يۇتماق.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئاچچىقىنى باسماق، ئۆزىنى تۇتۇۋالماق، سوغۇق قان بولماق: ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولسام قان بولۇشۇپ كېتىشكە توغرا كېلەتتى. ئاچچىقىمغا ھاي بېرىپ، ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم - دېدى ئۇ ئايالىغا.