Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئابۇمۇسا ئارىلى
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر阿布穆萨岛
ā bù mù sà dǎo
پېرسىيە قولتۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئارال. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 4.8 كىلومېتر، كەڭلىكى 2.4-3.2 كىلومېترغا يېتىدۇ. مەيدانى تەخمىنەن 11.52-15.36 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئارالنىڭ ئۈستى يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرى بار. ئاھالىسى كۆپىنچە چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ھەم دېڭىزدىن مەرۋايىت ئېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ ئارالنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئىران بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكىدىكى شاجا خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.