Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئابستراكتلاشتۇرماق
پسىخولوگىيە
نەرسە ياكى ھادىسىلەرنىڭ مۇھىم ۋە مۇئەييەن بەلگە ۋە قانۇنىيەتلىرىنى ئاجرىتىش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ بەزى جۇزئى تەرەپلىرىنى ياكى باغلىنىشلىرىنى پىكرەن چەتكە قويۇپ تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزمەك، مەسىلەن، بىز تۈرلۈك ئادەملەرنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ئادەملەرنىڭ «سېرىق جىنىس» ياكى «ئاق جىنىس»، «ئەر» ياكى «ئايال»، «ئېگىز» ياكى «پاكار» دېگەندەك ماھىيەتلىك بولمىغان بەلگىلىرىنى پىكرەن چەتتە قالدۇرۇپ، «تىل ئارقىلىق پىكىر يۈرگۈزىدىغان»، «ئەمگەك قىلالايدىغان»، «مەخلۇق» دېگەندەك ماھىيەتلىك بەلگىلىرىنى پىكرەن ئاجرىتىپ چىقىرىمىز. مانا بۇ ئابستراكتلاشتۇرۇش بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئابستراكتلاشماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
نەرسە ياكى ھادىسىلەرنىڭ مۇھىم ۋە مۇئەييەن بەلگە، قانۇنىيەتلىرىنى ئاجرىتىش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ بەزى ئەرزىمەيدىغان تەرەپلىرىنى ياكى باغلىنىشلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزمەك.