Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئابى شنويۇكى
دائىرە: دۇنيا تارىخى阿部信行
ā bù xìn háng
(1875 - 1953) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1939 - 1940)، قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1923-يىلى كانتودا يەر تەۋرىگەندە ھەربىي ھالەت شتابىنىڭ باشلىقى بولغان. 1926-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى ھەربىي لازىمەتلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1928-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ يانداش ئەمەلدارى بولغان. 1930-يىلى 4-شىتۇەننىڭ كوماندىرى بولغان؛ 1932-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېراللىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، ھەربىي كېڭەش ئەمەلدارى قىلىپ ئىشلىتىلگەن، 1936- يىلى زاپاس قىسىم قاتارىغا قويۇلغان، 1939 - يىلى كابىنېت تەشكىللەپ، ياۋروپا ئۇرۇشىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئارمىيىسىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا، 1940-يىلى 1-ئايدا ئىستېپا بەرگەن؛ 4-ئايدا ۋاڭ جىڭۋېي قورچاق ھاكىمىيىتىدە تۇرۇشلۇق پەۋقۇلئاددە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن. 1941-يىلى 10-ئايدا مۇھىم ۋەزىرلەر يىغىنىدا كىتوساكى ئىتىسۇ بىلەن بىرلىكتە تودزىئو خىدەكىنى ئىچكى كابىنېت تەشكىللەشكە كۆرسەتكەن. 1942-يىلى تىسۇباسا سۇكې سىياسىي جەمئىيىتىنىڭ لېدىرى بولغان. 1944-يىلى چاۋشيەننىڭ باش ۋالىيىسى بولغان. ئۇرشتىن كېيىن ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ئاتالغان، كېيىن ئەيىبلەنمىگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.