Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئابوۋيان
دۇنيا تارىخى
(1805 - 1848)ئەرمېنىيە يازغۇچىسى، مائارىپچى. ئېرېۋان ئەتراپىدىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1836-يىلى ئېستونىيىدىكى دېپوت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. تبلىس قاتارلىق جايلاردا ئۇزۇن ۋاقىت مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆز مىللىتىنىڭ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى، كەمبەغەللەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھەقسىز ئوقۇشقا كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. <ئەرمېنىيىنىڭ جاراھىتى> دېگەن رومانىدا 1826 - 1828-يىللىرىدىكى روسىيە - پېرسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەرمېنىيە خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئىلغار ئىدىيىلەرنى تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، ئاخىر ئەس - ھوشى جايىدا بولماي ئىز - دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن. ئىلىم -پەن ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن <ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ تېپىلىشى>، <ھېكايىلەر توپلىمى> ۋە مەسەللەر توپلىمى <بوش ۋاقىتتا ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش> قاتارلىقلار بار.