Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئابدۇقادىر داموللام
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1862 - 1924) ئۇلۇغ مەنىۋى يېتەكچى، دىن ۋە مىللەتنىڭ پىداكارى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى، ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر، ھۆرىيەتپەرۋەر دىنىي ئالىم.
ئابدۇقادىر داموللام 1862 - يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتۇش باغئېرىق كەنىتىدە دۇنياغا كەلگەن.
مەشھەد - قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئەڭ مەشھۇر خاقانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بىلەن ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى دەپنە قىلىنغان مەشھۇر جاي. تارىختا ئۆتكەن سەلتەنەت ئىگىلىرى بىلەن مەشھۇر ئۆلىمالار سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بىلەن ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، قەبرىگاھ يېنىغا مەسچىت، مەدرىسە، خانىقالارنى بىنا قىلغان. ئابدۇقادىر داموللام باشلانغۇچ مەلۇماتنى مانا مۇشۇ يەردىكى <ھەزرىتى سۇلتانىيە مەدرىسە> سىدىن ئالغان. يېشى 15 لەرگە يەتكەندە قەشقەر شەھىرى ئوردا ئالدىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى <خانلىق مەدرىسە> گە ئوقۇشقا كىرىپ مۇنتىزم تەربىيە ئالغان.
ئەينى يىللاردا بۇخارادا ئوقۇش دىنىي ئىلىمدە ئەللامە بولۇشنىڭ يولى ئىدى.
چۈنكى، بۇخارا ئىسلام دىنى ئىلمى بويىچە نوپۇزلۇق ئالىملار ۋە مەشھۇر مۇددەرىسلەر توپلانغان جاي ئىدى. شۇڭا، كىشىلەر <سەمەرقەند سەيقىلى ئالەم، بۇخارا ئابدۇقادىر ئىسلام> دەپ تەرىپلىشەتتى. ئابدۇقادىر داموللام قەشقەر <خانلىق مەدرىسە> سىدە ئىگىلىگەن بىلىملىرىگە قانائەت قىلماي، دىنىي ئىلىمدە كامالەتكە يېتىش ئۈچۈن بۇخاراغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى <ئابدۇلئەزىزىان مەدرىسە> سىگە ئوقۇشقا كىرىپ، دىنىي ئىلىمنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى بويىچە كامالەتكە يېتىپلا قالماستىن، ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمىي مەنتىق، ھېساب پەنلىرىنى ۋە ئەرەب، پارس، ئودۇ تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇ بۇخارادا مەۋلانە ئابدۇرازاقى، بۇخارا مۇپتىسى داموللا ئەۋىز خوجەندى، قوقەندنىڭ شەيغۇل ئىسلامى داموللا ئۇلۇغخان تۆرەملەردىن دەرس ئالغان. ساۋاقداشلىرى ۋە مەسلەكداش دوستلىرى ئۇرال تاتارلىرىدىن بولغان رىزائىددىن پەخرىدىن، مۇسا جارۇللا، ئەھمەد پەرىدى ئابباس قاتارلىقلار بىلەن بەسلىشىپ ئىلىم ئۆگەنگەن، دىن ۋە مىللەت دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئورتاق پىكىر يۈگۈزۈشكەن. ئابدۇقادىر داموللام ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن سەمەرقەند، ئوفالاردا مۇددەرىسلىك قىلغان. مۇددەرىسلىك قىلىش جەريانىدا دەرسلىك ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ <قائىدە زۆرۈرىيە>، <ئىبادەت ئىسلامىيە> ناملىق كىتابلارنى تۈزۈپ ئوفادا باستۇرۇپ تارقاتقان. ئابدۇقادىر داموللام قەشقەرگە قايتىشتىن ئىلگىرى ئىستانبۇل قازان، خوجەنت، تاشكەنت قاتارلىق جايلاردا ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ، ئەينى يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىياىدكى تاتار مەرىپەتچىلىرى يولغا قويغان يېڭىچە ئوقۇتۇش شەكلى - <ئۇسۇلى جەدىد> نىڭ ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش شەكلى - <ئۇسۇلى قەدىمىي> دىن كۆپ ئىلغار ھەم ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. ئابدۇقادىر داموللام ئىسلامىيە دۇنياسى جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلگەن دەۋردە <تاتار مەدەنىيەت ئويغىنىشى> ئەۋجىگە چىققان شەھەرلەردە ئىلىم تەھسىل قىلدى. ئاشۇ ئىدىيىۋى دولقۇنلاردا كۈرەش غايىسىنى ناھايىتى ئېنىق چۈشەندۈرگەنىدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ سەمەرقەند، ئوفالاردا مۇددەرىسلىك قىلىش جەريانىدا دەرسلىك سۈپىتىدە تۈزگەن <ئاقائىد زۆرۈرىيەت> ناملىق ئەسىرىدە ئېنىق قىلىپ مۇنداق يازغان:
- ئىنساننىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا بائىس (سەۋەب) نېمىدۇر؟
- ئىككى نەرسىدۇر: بىرى، جاھالەت ۋە نادانلىق؛ ئىككىنچىسى، تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر.
- ئىززەت، ئابرۇي، قۇۋۋەت، نېمە بىلەن بولىدۇ؟
- ئىلىم - مەرىپەت، ئىتتىپاقلىق بىلەن بولىدۇ.
ئابدۇقادىر داموللام ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيىلەرنى ئايلىنىش جەريانىدا تەپەككۈر قىلىش ئارقىلىق ئاخىرقى ھېسابتا يۇرتنىڭ، مىللەتنىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرىنى ئوڭشاش ئۈچۈن چوقۇم ئىشنى مائارىپتىن، مەدەنىيەتتىن باشلاش زۆرۈرلۈكنى تونۇپ يەتكەن. ئۇنىڭ بۇ خىل ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسى يەنى يېڭىلاش - جەدىتچىلىق ئىدىيىسى مەشھۇر ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى جامالىدىن ئافغانى ۋە شەيخ مۇھەممەد ئابدۇللانىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق تېخىمۇ قۇۋۋەت تاپقان.
ئۇ 1907 - يىلى ئانا يۇرتى - قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن. كۆپ يىللار چەت ئەللەردە يۈرگەن بۇ ئالىمنىڭ قەشقەردەك جاھالەت تۈتەكلىرى ئىچىدە بۇرۇقتۇرما بولۇپ قالغان شەھەردە ئۆز غايىلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. ئالدى بىلەن چوقۇم نوپۇز تىكلەش، تەسىر پەيدا قىلىش، ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇش كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەر مەشھۇر مەدرىسلەرمۇ كۆپ، دىنىي ئۆلىمالارمۇ كۆپ قەدىمىي شەھەر بولغاچقا، ھە دېگەندىلا نوپۇز تىكلەش قىيىن ئىدى.
ئابدۇقادىر داموللام قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن چاغ دەل قەشقەردە يېڭىچە ئىپتىدائىي مەكتەپلەر ئاندا - ساندا يولغا قويۇلۇۋاتقان، ئەنئەنىۋەى ئىسلام مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسى ئانچە - مۇنچە تىلغا ئېلىنىۋاتقان بىر چاغ ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىكى يېڭى مائارىپنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، جەدىتىزملىق ئىدىيىسى مۇكەممەل شەكىللەنگەن ئابدۇقادىر داموللام يېڭىچە پەننىي مائارىپنىڭ ھامىيلىرى ۋە باشلامچىلىرى بولغان ئاكا - ئۇكا مۇسابايۇفلارنى قىزغىن قوللىدى. ئۇلار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىر سەپتە تۇردى. مەدرىسلەرنىڭ دوگما تەلىم - تەربىيە ئۇسۇلىنى، قارىغۇلارچە يادىلاتقۇزۇشنى ئاساس قىلىدىغان ئوقۇتۇش شەكلىنى، دەۋر تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان دەرسلىكلەرنى ئىسلاھ قىلىپ جەدىتىزملىق مائارىپ ئىدىيىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش مەزمۇمى، ئوقۇتۇش ماتېرىيالى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى نىيەت قىلدى. ئۇ مۇشۇ مەقسەتتە <سەرپ - نەھۋى> (مورفولوگىيە ۋە سېنتاكسىس)، <تەسھىلىل ھېساب> (ھېساب ئىلمى)، <جۇغراپىيە ئىلمى>، <ئاقائىدە جەۋھەرىيە> (نېگىزلىك ئەقىدىلەر)، <مۇتالىئە ھىدايەت> (باشلامچى ئوقۇشلۇق)، <بىدا يەتۇس سەرپ> (لېكسىكىدىن دەسلەپكى ئاساس)، <بىدا يەتۇننەھۋى>، <تەئلىمۇس سبيان> (گۆدەكلەرگە تەربىيە)، <تەجۋىد تۈركى>، <مىفتاھۇل ئەدەب> قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ تاش مەتبەئەدە باستۇرۇپ مەكتەپ - مەدرىسلەرنى دەرسلىك بىلەن تەمىنلىگەن. ئۆزى دەسلەپ غوجا چوڭنىڭ قۇملۇقىدىكى ئۆزبېكلەر ئاچقان مەدرىسىگە، كېيىن بەشئېرىق مەھەللىسىدىكى لايپەشتاق مەدرىسىسىگە بېرىپ مۇددەرىسلىك قىلغان. ئەينى چاغدا، قەشقەر شەھىرىدە يىراق - يېقىنغا نامى مەشھۇر مەدرىسلەردىن ئون بەشى بولۇپ، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ لايپەشتاق مەدرىسىسى ئەنە شۇ جانلىق مەدرىسىسى، ھېيتگاھ مەدرىسىسى، ئاخۇن ھاجى مەدرىسىسى، قازان مەدرىسىسى، ۋاڭلىق مەدرىسىسى، باۋاھۇدۇن ھۆھتىرەم مەدرىسىسى، دورغا بەگ مەدرىسى، ناجى ھاكىمبەگ مەدرىسىسى، كەنجە ھاجى مەدرىسىسى، ئوردا ئالدى مەدرىسىسى قاتارلىق مەشھۇر مەدرىسلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ 200 دىن ئارتۇق تالىپى بار مەشھۇر مەدرىس بولغان. ئابدۇقادىر داموللام تەبىئىتى ئېسىل، ئىمانى كامىل، مەلۇماتى چوڭقۇر، پىكرى ئۆتكۈر، مۇنازىرىگە ماھىر، نۇتقى پاساھەتلىك ئالىم بولغاچقان، ئۇزۇن ئۆتمەي قەشقەردىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا نامى مەشھۇر زاتقا ئايلانغان. ئابدۇقادىر داموللام شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا جەدىتىزملىق مائارىپنىڭ بايراقدارى، مەرىپەتچىلىك ھەرىكتىنىڭ سىمۋۇلى بولۇپ قالغان. <ئابدۇقادىر داموللامنىڭ دىن بىلەن پەننى بىرلەشتۈرۈش، ئوقۇتۇشقا بىر قىسىم دۇنياۋى پەنلەرنى كىرگۈزۈش، ئۇسۇلى جەدىتنى يولغا قويۇش تەشەببۇسلىرى ئابدۇمۇتائالى خەلىپىتىمنىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان، نادانلىق ۋە جاھالەتكە قارشى تۇرۇپ، خەلقنى ئويغىتىش پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن>. مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە كۆپ باش قاتۇرغان ئۇيغۇر بالىسى - نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوف ئۆزىنىڭ <يورۇق ساھىللار> ناملىق ئەسىرىدە 1914 - يىلى غۇلجىدىن چىقىپ مۇزئارت داۋىنى ئارقىلىق ئالتە شەھەرگە قىلغان سەپەر جەريانىدا قالدۇرغان خاتىرىسىدە ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، مەنىۋى پاجىئەلىرىنى كۆرۈپ؛ <بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالى بەك قاراڭغۇ، تۇمانلىق ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى سەزدىم. ئاقسۇدا ئەھۋال مۇنداق بولسىمۇ، باشقا ياقلاردا ئۇنداق ئەمەستۇ، قەشقەر خەلقى خېلى تەرەققىي قىلغان بولسا كېرەك، ئۇ يەردە تەرەققىيپەرۋەر مۇسابايۇفلار، ئابدۇقادىر داموللاملارمۇ بارغۇ دەپ ئۆزلىرىمىزگە تەسەللىي بەرگەنىدۇق> دەپ يازغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەمما، 1914 - يىلى يازدا باھاۋۇدۇنباينىڭ مەبلىغى ۋە غەيرىتى بىلەن ئۈستۈن ئاتۇشتا ئېچىلغان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پېداگوگىكا مەكتىپى - <دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھادى> (ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن) نىڭ باش مۇئەللىمى ئەھمەد كامالنى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ ھەرىكىتىنى قوللاش ياكى قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قەشقەردىكى دىنىي ئۆلىمالار ۋە باي - بايۋەچچىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئابدۇقادىر داموللام، شەمسىددىن داموللام، زىرىپ قارى ھاجىم، ئابدۇقادىر ھاجى، باۋۇدۇن باي، نۇرۇززادە ھاجى مۇھەممەد ئەلى، مەھمۇد ئاخۇن داموللام، ئابدۇكىرىمخان مەخسۇم، باش قازى ئىسلام ھاجى قاتارلىق كىشىلەر قوللايدىغان گۇرۇھنى، ئۆمەر باي، سېلىم داموللا قاتارلىقلار قارشى تۇرىدىغان گۇرۇھنى تەشكىل قىلغان. قارشى تۇرىدىغان گۇرۇھ رۇس كونسۇلى ۋە ئەكسىيەتچى ئەمەلدارلار بىلەن بىرلىشىپ، بۇ كۈرەشتە ئۈستۈنلۈك قازانغان.
ئەھمەد كامال ئۆز ئەسلىمىسىدە شۇ چاغدىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا <بەيساقلىق مەھمۇد ئاخۇن داموللام بىلەن ئابدۇقادىر داموللام ئەپەندىلەر قاراڭغۇ كېچىدە چاققان چاقماقتەك چىرايلىق ۋە مەنالىق سۆزلىرى بىلەن ئۇلار ئۆچۈرمەكچى بولۇۋاتقان مائارىپ مەشئىلىنى چاقنىتىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتى> دەپ يازغان. ئەمما، ئاخىرقى ھېسابتا ئەھمەد كامال قوغا ئېلىنغان، <دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھادى> تاقىۋېتىلگەن. قوللايدىغان گۇرۇھتىكىلەر ئامالسىز قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ يىللاردا 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان، بولشىۋېكلار رۇسىيە تېررىتورىيىسىدە ئۈستۈنلۈك قازانغان. بۇمۇ ئسىلامىيەت دۇنياسىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى كۈچەيتىۋەتكەن. مۇشۇنداق شارائىتتا، ئابدۇقادىر داموللام 1918 - يىلى ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش باھانىسى بىلەن چەت ئەلگە قاراپ يول ئالدى. ئۇ تاشكەنت، شەمەي، ئۇفا، قازان، ئورال، تۈركىيە، ھىجاز، مىسىر قاتارلىق جايلرغا بېرىپ ئۇ يەردىكى ئالىم - ئۆلىمالار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئازابلىق ئويلارغا غەرق بولدى. تېرەن تەپەككۇر تەلقىنلىرى جۇغلىدى. <ئابدۇقادىر داموللام ئۇلار بىەلن ئىلمىي سۆھبەتتە بولۇش جەريانىدا ئۆز خەلقىنىڭ ئىلىم - مەرىپەتتە ھەقىقەتەن ئارقىدا قالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھۆكۈمران دائىرىلەرنىڭ خەلق ئاممىسىنى مەڭگۈ قۇللۇقتا، نادانلىقتا تۇتۇش سىياسىتىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئۇلار يەنىلا ھېچ يەرنى كۆرمەي، ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەي، دۇنيادىن بىخەۋەر ياشاۋەرسە، قۇللۇق، جاھالەت، نادانلىقتىن ئەبەدىي قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ پۈتكۈل مىللەتنىڭ پەن - مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى، مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىق، مىللىي ئىناقلىقنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئۇيۇشۇشنى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر شوئارى ۋە كۈرەش نىشانى قىلدى>.
ئۇ 1920 - يىلى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خەلقنىڭ قان - تەرى بەدىلىگە ياشاۋاتقان تەسلىمچى ئەمەلدارلارغا، جاھالەت ھامىيلىرى بولغان مەككار سوپا ئىشانلارغا، ئاچكۆز بايلارغا، قەشقەردىكى خرىستىئان دىن تارقاتقۇچىلىرىغا قارشى كۈرەشنى باتۇرلۇق بىلەن باشلىۋەتتى. ئۇلار ئابدۇقادىر داموللامنىڭ: <ھەرقايسىلىرى يۇرتنىڭ كۆزى، خەلقنىڭ بېشى، ھالبۇكى خەلقىمىزنى ئىلىم - مەرىپەتكە، تەرەققىياتقا باشلىماستىن، پۈتكۈل ئىجتىھات ۋە ئىشتىياق بىلەن مۆھۈر ھەققىگە مەپتۇن بولۇپ، كۈندە چۈشكەن تەڭگىلەرنى ئەۋرەزگە كۆمۈپ خاتىرجەم ئۇخلاشسىلا، خەلقىمىزنىڭ ھالى قانداق بولار؟ بىز ئۆز بالىلىرىمىزغا مەكتەپ ئاچماي، ئۇلارنى تاشلىۋەتتۇق... تېخى ھەرخىل جازا چارىلەرنى قوللىنىپ، خەلقنىڭ بېشىغا دەرد سېلىپ، ئۇلارنى جاراھەتلەندۈرمەكتىمىز. ئەگەر بۇ توغرىدا قايغۇرمايدىغان بولساق، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئالدىدا بىز ناھايىتى ئۇياتقا قېلىشىمىز، لەنەت - نەپرەتكە كۆمۈلۈشىمىز مۇقەررەر> دېگەن خىتابلىرىنى ئەسەبىيلىك دەپ بىلىشىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆھمەتلەر توقۇشتى.
ئابدۇقادىر داموللام توقا - تۆھمەتلەرگە پىسەنت قىلماي، خەلقنىڭ ئەقىدە - ئېتىقادىنى چىڭىتىش، مەرىپەت روھىنى قوزغاش، ئادالەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىش، ھۆرلۈك ئېڭىنى تۇرغۇزۇش مەقسىتىدە مەدرىسلەردە شاگىرت تەربىيىلەشنى ناھايىتى چىڭ تۇتتى. ئۇ ھەركۈنى ناماز دىگەردىن كېيىن، ھېيتگاھ جامەسىدە ئەمرىمەرۇپ، مۇنازىرە سورۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋەز - تەبلىغ قىلىپ خەلققە ئۈزلۈكسىز تەشۋىقات، تەرغىبات ئېلىپ باردى. <نەسىھەتى ئامما> ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ باستۇرۇپ تارقاتتى. ئۇ بۇ ئېسىل ئەسىرىدە مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى. <بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر! جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم - مەرىپەت دەۋرىدۇر. سۇسلۇق ۋە بىكارلىق ۋاقتى ئەمەس، تىرىشىش ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر. باشقا مىللەتلەر ئىلىم - مەرىپەت سايىسىدا ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز قىلماقتا، سۇ ئاستىدا بولسا خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۈزۈشمەكتە. بىز تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز. ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ بۇرادىرى ۋە مۇقەددىمىسىدۇر. بۇ ھالەتتە دائىم ئۇخلىماق يوقىلىش ۋە ئۆلۈم بولىدۇ! ھېلىھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت بار. جانابىي ئاللانىڭ رەھمەت ۋە ئىنايەت خەزىنىسىنىڭ ئىشكى دائىم ئوچۇقتۇر. دۇنيادا ئۈمىدسىزلىك بىلەن ياشاش توغرا ئەمەس.
ئىنسان كىچىكلىكىدىن تارتىپ ئىلىم ئۆگىنىشنى ۋە كەسىپ (ھۈنەر - سەنئەت) بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەككى، ھەرقانداق ئىشنى ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا چىقىرىشنى ئاللا ئادەت قىلمىغاندۇر. بەلكى ھەربىر ئىش تىرىشچانلىق ۋە ئىجتىھات بىلەن بەرپا بولىدۇ. ھەممە ئىشقا تىرىشچانلىق ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىش ئاللاھنىڭ يوليورۇقىدۇر. >ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقىغا لايىق نەتىجە بادۇر< دېگەن ئايەت بۇنىڭغا گۇۋاھ - ئىسپاتتۇر>.
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە قەشقەر تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل تارىم ۋادىسىدا يېڭىچە كەيپىيات بارلىققا كەلگەن. كىشىلەر ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىشىدىغان، سۆزلىشىدىغان بولغان. ئۇ ھۈسەيىنخان تەجەللى، شەمسىددىن داموللام، ساۋۇت ئابدۇلباقى كامالى، قۇتلۇق شەۋقى، باھاۋۇدۇنباي قاتارلىق مەشھۇر مەرىپەت ئاشنالىرىنىڭ مەدەت بېرىشى ۋە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھەمدەمدە بولۇشى نەتىجىسىدە يېڭى بىر ئەۋلاد پىداكار شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ چىققان.
ئەينى يىللاردا يەنى 1920 - يىللارنىڭ بېشىدا چار رۇسىيە، برىتانىيە كېڭەيمىچىلىرىنىڭ شىنجاڭغا بولغان سىڭىپ كىرىش قارا نىيىتى، شىنجاڭنى ئۆزلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىگە ئېلىش ئۇرۇنۇشلىرى قەشقەر ۋەزىيىتىنى ناھايىتى مۇرەككەپلەشتۈرۋەتكەن. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك، پائالىيەتلىرى ئۇلارنىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىققان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رەزىل مەقسىتىنى كالتە پەم، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان، شەخسىيەتچى، ھەسەتخور يەرلىك مۇناپىق باي - ئۆلىمالارنىڭ غالچىلىق قىلىپ ماسلىشىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلى، مەنىۋى داھىيىسى، پىداكار مۇتەپەككۇرى، ئوت يۈرەك جەدىتىزمچىسى ئابدۇقادىر داموللام 1924 - يىلى 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تاڭ سەھەردە ئۆز ئۆيىدە ياللانغان قاتىل تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.