Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئابدۇ مۇتەللىب
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھاشىم بىننى ئابدۇ مانافنىڭ ئوغلى. بۇ كىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى بولۇپ، مەدىنىدە تۇغۇلۇپ، كېيىن مەككىگە كۆچۈپ كەلگەن، قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ مۆتىۋەللىسى بولۇپ، كەبىنى باشقۇرغان. زەمزەم بۇلىقىنى ياساپ، ئەينى چاغدىكى ئابرۇيلۇق كىشى بولغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالتە ياشقا كىرگەندە تاغىسى ئەلەمدىن ئۆتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇشۇ كىشى باقتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سەككىز ياشقا كىرگەندە بۇ كىشى مەككىدە ئالەمدىن ئۆتتى. رەپىقىسى بۈۋى فاتىمەدىن ئەبۇ تالىپ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسى ئابدۇللا تۇغۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچ خوتۇنى ھەمزە، ئابباس، خارىس ۋە ئەبۇ خەلەفنى تۇغدى.