Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئابىدە
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىبادەت قىلغۇچى تەقۋادار ئايال.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
مەڭگۈ تاش، تاشپۈتۈك؛ مازار، خاتىرىلىنىدىغان جاي؛ قەبرە ئۈستىگە ئورنىتىلغان يادىكارلىق: ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قەھرىمانلىق قىسسىسى تاشقا ئويۇپ تىكلەنگەن ۋە ئومۇمەن قەدىمدىن قالغان تارىخىي يادىكارلىق.
ئورخۇن يادىكارلىقلىرىدىن كولىتېكىن مەڭگۈ تېشى 1889 - يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيىنىڭ كوكشىن ئورخۇن ۋادىسىدىكى خوشۇت - سايدامدىن تېپىلغان. بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى كولتېكىن مەڭگۈ تېشى تېپىلغان يەردىن شۇ ۋاقىتتا تېپىلغان. تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى 1891 - يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتۇردىن 60 كىلومېتر يىراقلىقتىكى بايىن چوكتو دېگەن يەردىن تېپىلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئارخېئولوگىيە
←مەڭگۈتاش .
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئابىدەم
ئىبادەت قىلغۇچى