Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئابباسىيلار خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
阿拔斯王朝
ā bá sī wáng cháo
ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ خاندانلىقى. جۇڭگو تارىخلىرىدا قارا يەكتەكلىك تارجىيىكلار دەپ ئاتالغان. غەربنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرىدا شەرقىي ساراسېن ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان. مىلادى 750-يىلى ئەبۇل ئابباس (724 - 754) ئۇمەييە خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن ئابباسىيلار خاندانلىقىنى قۇرغان. ئەبۇل ئابباس مەككىدىكى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ھاشىم جەمەتىدىكى ئابباسنىڭ ئەۋلادى بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئىمپېرىيە تازا گۈللەنگەن مەزگىلدە زېمىنى ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە كېڭەيگەن. ⅤⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن Ⅸ ئەسىرنىڭ ئالدىنقىى يېرىمىغىچە، يەنى خەلىپە مەنسۇر، ھارۇن، مەمۇن قاتارلىقلار تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، بىر قەدەم مۇكەممەل مەمۇرىي، مالىيە، قاتناش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان؛ سۇ ئىنشائاتلىرىنى قۇرۇپ، دېھقانچىلىققا رىغبەتلەندۈرگەن، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا زور دەرىجىدە راۋاجلىنىپ، خاندانلىق تازا گۈللەنگەن دەۋرگە يەتكەن. پايتەخت باغداد شەھىرى ئاۋاتلىشىپ، ئاھالىسى كۆپىيىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سودا -( سانائەت ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان. لېكىن ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ زورلۇق - زومبۇلۇقى خەلق قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھەرقايسى جايلاردىكى باش ۋالىيلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جايلارنى بۆلۈشۈۋېلىپ، يەرلىك خاراكتېردىكى فېئودال خانلىقلارنى قۇرۇپ، ئىمپېرىيىنى پارچىلىنىشقا يۈزلەندۈرگەن؛ Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، تۈرك مۇھاپىزەتچى ئارمىيىسىنىڭ كۈچى تەدرىجىي زورىيىپ، خەلىپىنى كونترول قىلىشقا باشلىغان. 945-يىلى شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغان بۇئى خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى باغدادقا بېسىپ كىرىپ خەلىپىنى سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇنىڭ دىنىي رەھبەرلىك ئورنىنىلا ساقلاپ قالغان. 1055-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سالجۇق تۈركلىرى باغدادنى ئىشغال قىلغان. 1258-يىلى موڭغۇللار بېسىپ كىرىپ، خەلىپىنى بىكار قىلغان ھەمدە ئۆلتۈرگەن. ئابباس خاندانلىقى مۇنقەرز بولغان.
تارىخ
黑农大食朝
hēi nóng dà shí cháo