Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاڭ
تېببىي,مائارىپ,ئەدلىيە ئاتالغۇلىرى
意识
yì shíDئۇنىۋېرسال
自我意识
zì wǒ yì shíDئىستېتىكا
知觉
zhī juéDئەدلىيە ئاتالغۇلىرى
觉悟
jué wùDمائارىپ
知觉
zhī jué
پسىخولوگىيە
意识
yì shí
يۈكسەك دەرىجىدە مۇكەممەللەشكەن، يۈكسەك دەرىجىدە تەشكىل تاپقان ئالاھىدە ماددا - ئادەم مېڭىسىنىڭ فۇنكسىيىسى. ئۇ ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ ئادەمگىلا خاس بولغان ئىنكاسى. ماددىغا قارىغاندا ئاڭ ئىككىلەمچى، «ئادەملەرنىڭ بارلىقى ئادەملەرنىڭ ئېڭىغا باغلىق ئەمەس، ئەكسىچە ئادەملەرنىڭ ئېڭى ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائىي بارلىقىغا باغلىق» («ماركس - ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى» 2 - توم، خەلق نەشرىياتى 1972 - يىل خەنزۇچە نەشرى 82 - بەت). ئانئورگانىك جىسىملاردىغۇ ئاڭ يوق، بىر قەدەر يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ھايۋانلاردىمۇ ئاڭ يوق، ئۇنداق ھايۋانلاردا ئاڭنىڭ بىخىلا بار. ھايۋاننىڭ ئادەمگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھايۋان مېڭىسى ئادەم مېڭىسىگە ئايلانغاندا، ئادەمگىلا خاس بولغان ئاڭ پەيدا بولغان، فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن ئالغاندا، ئادەم ئېڭىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسىغا ئىگە بولۇشتۇر. ئاڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئۇ ئەمگەك ئاساسىدا تىل بىلەن بىرگە بارلىققا كەلگەن. ئاڭ تەبىئەت مەھسۇلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى. [«ئاڭ باشلىنىشتىنلا جەمئىيەت مەھسۇلى ئىدى، بەلكى ئادەملەر مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۇ يەنىلا مۇشۇنداق مەھسۇلات بولۇپ قالىدۇ»]. («ماركس - ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى» 1 - توم، خەنزۇچە نەشرى 35 - بەت)، سىنىپىي جەمئىيەت بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، كىشىلەر مۇئەييەن سىنىپىي ئورۇندا ياشايدىغان، كۈرەش قىلىدىغان بولدى. شۇڭلاشقا ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ ئىنكاسى بولغان تۈرلۈك ئاڭ فورماتسىيىلىرىنىڭ ھەممىسى سىنىپىي خاراكتېرگە ئىگە. يەنى مەلۇم بىر سىنىپنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئاڭ ماددىنى پائال سۈرەتتە ئىنكاس قىلىدۇ. ئاڭ كىشىلەرنى ئوبيېكتىپ رېئاللىقتىن چۈشەنچە، ئىدىيە، پىلانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئۆز ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان قىلدى. كىشىنىڭ ھەرىكىتىنى مەقسەتلىك، يۆنىلىشلىك ۋە ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاڭ يەنە كېلىپ ماددىي تەرەققىياتنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئوبيېكتىپ ئىدېئالىستلار ئاڭنى «ئالەم روھى» نىڭ ئىپادىسى ياكى روھنىڭ ئىلھامى دەپ قارايدۇ. سۇبيېكتىپ ئىدېئالىستلار ئاڭنى كۆڭۈلنىڭ ئەركىن ئىجادى دەپ قارايدۇ. ماركىستىن ئىلگىرىكى ماتېرىيالىستلار ئاڭنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ ئىنلاسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن ئاڭنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىققا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا سەل قارىدى. ۋولگار ماتېرىيالىستلار ئاڭغا ماددا بىلەن ئوخشاش نەرسە دەپ قارايدۇ. ئاڭنىڭ مەنبەسى بىلەن ماھىيىتى مەسىلىسىنى پەقەت دىئالېكتىك ماتېرىيالىزملا ھەل قىلدى. ئاڭ ماددىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، ئادەم مېڭىسىگە يەتكەندىلا ئاندىن پەيدا بولغان ئالاھىدە بىر فۇنكسىيە ئىكەنلىكىنى، ئادەم مېڭىسىنىڭ ماددىنى ئەكس ئېتىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەنە ماددىغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
پەلسەپىدە ئاڭ بىلەن تەپەككۇر بىر خىلدىكى، بىر مەنىدىكى چۈشەنچە (ئۇقۇم)، ھەممىسىلا ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى ئىنكاسى. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا ئۇلارنى بىر خىل قوللىنىشقا بولىدۇ. لېكىن ئاڭ دېگەن بۇ سۆزنىڭ كاتېگورىيىسى كەڭ، ئۇ بىلىشنىڭ ھېسسىي باسقۇچى بىلەن ئەقلىي باسقۇچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما تەپەككۇر بىلىشنىڭ ئەقلىي باسقۇچىنىلا كۆرسىتىدۇ. پسىخولوگىيىدە ئاڭ ئادەتتە ئاڭلىق ھالدىكى پسىخىكىلىق پائالىيەتنى يەنى ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ ئاڭلىق ھالدا ئەكس ئېتىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
jué sī ,yì shí ,sī xiǎng sī xiǎng
觉司,意识,思想