Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خۇزىمىن
دۇنيا تارىخى
胡志明
hú zhì míng
(1890-1969)ۋيېتنام دېمۇكراتىك جۇمھۇريىتىنىڭ رەئىسى(1945 - 1969)، ۋيېتنام ئەمگەك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى(1951-1969)ئەسلى ئىسمى رۇەن بېيچىڭ، ئىلگىرى ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىدە رۇەن ئەيگۇ دېگەن ئىسىمنى قوللانغان، كېيىن ئىسمىنى خۇزىمىنغا ئۆزگەرتكەن. يىئەن ئۆلكىسى نەنتەن ناھىيىسى جىنلەنسۇن يېزىسىدىن بولۇپ، ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىلگىرى دېڭىزچى بولغان. 920-يىلى فرانسىيىدە كوممۇنىستىك پارتىيىگە كىرىپ، ۋيېتنامدىكى تۇنجى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولغان. 1923-يىلى فىرانسىيىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، خەلقئارا دېھقانلار قۇرۇلتىيى ۋە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 5-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1925-يىلى جۇڭگوغا كېلىپ گۇاڭجۇدا< ۋيېتنام باش ئىنقىلابى جەمئىيىتى>نى قۇرغان شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە<يىراق شەرق ئېزىلگۈچى مىللەتلەر ئىتتىپاقى>نى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1930-يىلى ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان(كېيىن بۇ پارتىيىنىڭ ئىسمى ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن). ياپۇنىيە ھىندىچىنىغا تاجاۋۇز قىلغان مەزگىللىرى، 1941-يىلى مىللىي ئازادلىق بىرلىك سەپ تەشكىلاتى <ۋيېتنام مۇستەقىللىق ئىتتىپاقى>نى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە رەئىسلىككە سايلىنىپ، ۋيېتنام خەلقىنىڭ فىرانسىيەمۇستەملىكىچىلىرى ھەم ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1945-يىلى ئاۋغۇست ئىنقىلابى غەلىبەقىلغاندىن كېيىن ۋيېتنام دېمۇكراتىك جۇمھۇريىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن.1946-يىلى 3-ئايدا ۋيېتنام دېمۇكراتىك جۇمھۇريىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1951-يىلى 2-ئايدا ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋيېتنام ئەمگەك پارتىيىسگە ئۆزگەرتىلىپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان. 1945-1954-يىللىرى ۋيېتنام خەلقىنىڭ 9 يىل داۋام قىلغان فىرانسىيىگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 60-يىللاردا يەنە ۋيېتنام خەلقىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ۋە كومۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان.