Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
徐熙
دۇنيا تارىخى
شۈشى
(942 - 998) چاۋشيەننىڭ كورىيە سۇلالىسى دەۋرىدىكى لەشكەر باشلىقى. ئىسمى ليەنيۈن، لەقىمى جاڭۋېي. جىڭجى رايونىدىكى كەيجىڭ (ھازىرقى كەيچېڭ)دىن. مىلادى 096 - يىلى (گۇڭزۇڭنىڭ 11 - يىلى) جۇجيادا مەنسەپكە قويۇلغان. 972 - يىلى (گۇڭزۇنىڭ 23 - يىلى) شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىگە ئەلچى بولۇپ چىققان. 993 - يىلى (چېڭزۇڭنىڭ 12 - يىلى) قىتانلار بېسىپ كىرگەندە بارگاھ لەشكەر بېشى بولۇپ، شىمال چېگرىسىنى ساقلىغان،تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان، يەرنى بۆلۈپ بېرىپ سۈلھ قىلىشقا قارشى تۇرغان. قىتانلارنىڭ شەرقىي ئاستانىدىكى باقاۋۇلى شاۋسۇننىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كورىيەنىڭ زېمىنىنى ئايرىپ بېرىش، شىمالىي سۇڭسۇلالىسى بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈش، قىتانلارغا ئولپان تۆلەش دېگەنگە ئوخشاش شەرتلەرنى رەتقىلىپ، كورىيەنىڭ تېررىتورىيە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا تۆھپە قوشقان.