Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خۇسراۋ
دىنى سۆزلۈكلەر
赫斯牢
hè sī láo
تارىخ
忽思老
hū sī lǎo
دۇنيا تارىخى
哥士委一世
gē shì wěi yí shì
(؟ - 579) ئىران ساسانىلار خاندانلىقىنڭ پادىشاھى (531 - 579). ۋىزانتىيىلىكلەر كوسلوئىس Ⅰ دەپ ئاتىغان. لەقىمى <نوشىرۋان ئادىل> (<قىمەتلىك روھ> دېگەن مەنىدە) كەيقوباد Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختكە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى، مىلادى 529-يىلى مازداك قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىسلاھات ئېلىپ بارغان؛ مەزكىرىي ئەمەلدارلىق ئاپپاراتىنى ۋە مەمۇرىي سىستېمىنى تەرتىپكە سالغان؛ پۈتۈن مەملىكەتنى ئاسسۇرىيە، مېدىيە، پېرسىيە ۋە باكترىيىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەمۇرىي رايونغا ئايرىپ، ئۇنىڭ ھەر بىرىگە باش ۋالىي قويۇپ، پادشاھقا بىۋاسىتە قارايىدىغان قىلغان؛ يەرلەرنىڭ كۆلىمىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مۇقىم يەر بېجى بەلگىلىگەن؛ تۆمۈر ساۋۇتلۇق ئاتلىق ئەسكەرلەرنى بەرپا قىلىپ، ئۇنى پىيادە ئەسكەرلەر بىلەن بىللە ھەربىي كۈچىنىڭ ئاساسى قىلغان؛ قول سانائەت ۋە سودىنى قوغدىغان، ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەتنى رىغبەتلەندۈرگەن، چوڭ قۇرۇلۇشلارنى سالدۇرغان. 567-يىلى تۈركلەر بىلەن بىرلىشىپ ئېفتالىتلارنى يوقىتىپ، خوراسا رايونىنى قايتۇرۇۋالغان؛ غەربتە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن قايتا - قايتا ئۇرۇشپ تۇرغان. 540-يىلى سۈرىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئانتىيوك شەھىرىنى خانىۋەيران قىلىۋەتكەن. 572-يىلى ئېفىئوپىيىلىكلەرنى يەمەندىن قوغلاپ چىقارغان، بۇ چاغدا ساسانىلار سۇلالىسى راس روناق تاپقان.