Uyghurئاساسىي لۇغەت
خۇشتار
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. ئۇيغۇرلارنىڭ تارلىق، كامانچە بىلەن چالىدىغان چالغۇ ئەسۋابى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
زوقمەن، ئىشقىۋار، ئامراق، ئىشتىياق، ھەۋەس.
ئۇ كىنوغا خۇشتار ئادەم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياخشى كۆرىدىغان، مېھىر قويغان،ئىشتىياق باغلىغان.
ئۇيقۇغا ئامراق ئاز خاتالىشار، ئىت ئۇرغۇچىغا ئامراق. بىرى تاتلىققا ئامراق، بىرى ئاچچىققا خۇشتار. ئەخمەق ئۆزىنى كۆرسىتىشكە خۇشتار. مۇشتاق بولساڭ، مۇشتۇمدىن ساقلان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بەك ياخشى كۆرىدىغان، قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان.
ئۆچ
بەك يامان كۆرىدىغان، دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان.
پاقا قوداي گۆشىگە ئامراقمىش. ئىت ئۇرغۇچىسىغا ئامراق. قېرى كالا شاپاققا ئامراق، قېرى ئادەم ئاپئاققا. قايماققا ئامراق كالىغا ئۆچ. بىرى تاتلىققا خۇشتار، بىرى ئاچچىققا مۇشتاق. ئەخمەق ئۆزىنى كۆرسىتىشكە خۇشتار. ئۆچ بولماڭ مۇپتىلا بولارسىز، ئامراق بولماڭ، جۇدا بولارسىز. ئۆچ كۆرسەڭ ئۆچەكىشىدۇ، تار يەردە تىرەجىشىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. بىرەر نەرسە ياكى ئىشقا خۇشى، ئىشتىياقى بار، ھەۋەس قىلىدىغان؛ زوقمەن، ئىشقىۋاز.
ئۇ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ھېكايە قىلىپ بېرىشكە خۇشتار سۆھبەتداش بولۇپ چىقتى.
ئى. بىرەر نەرسىگە ناھايىتى قىزىققان، بېرىلگەن ئادەم؛ ھېرىسمەن كىشى؛ ھەۋەسكار.
ئىشچانلىقىڭ دېمىسەم، يارىم، ساڭا كۆيمەسمەن. ئۆزۈم ئەمگەك خۇشتارى، ھۇرۇنلارنى سۆيمەسمەن.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
خۇش + تار
ئىسىم
مۇزىكا
ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ئىجاد قىلىنغان، كامانچە بىلەن چالىدىغان بىر خىل چالغۇسى. خۇشتارنىڭ باش قىسمى تەمبۇرنىڭ بېشىغا بىر ئاز ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ دەستىسى قىسقا بولۇپ، باش قىسمىنىڭ ئويۇلمىسى تەمبۇرنىڭكىدەك چوڭقۇر ئەمەس. يۈزلۈكىنىڭ ئىككى تەرىپىدە كامانچە ئىزناسىغا ئوخشايدىغان سىزىق بار. خۇشتاردا جەمئىي 11 تار بولۇپ، تۆتى مېلودىيىلىك تار؛ قالغان يەتتىسى رىزۇنانىس تارلاردۇر.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
<خۇشدار>