Uyghurئاساسىي لۇغەت
خۇررەمىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
Ⅷ - Ⅸ ئەسىرلەردە ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەل ئىچىگە تارقالغان مىستىتسىزمچى مەزھەپ. بۇ مەزھەپنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە ھەر خىل گەپلەر بار. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەبۇ مۇسلىم ئابباسىيلار سۇلالىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىراننىڭ خۇررەم رايونىدا مەخپىي مەزھەپ تەشكىلاتى قۇرغان. بۇ مەزھەپنىڭ قارىشىچە، ئەبۇ مۇسلىم ئۆلمىدى. ئۇ ئاللانىڭ ۋەھىيىسىگە ئەمەل قىلىپ، دۇنياغا يېنىپ كېلىپ، يامانلىقنى تۈگىتىپ، ئادالەتنى ياقلايدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ مەزھەپ زاراتوسترا دىنىدىكى بىدئەتچى مەزدەك مەزھىپىنىڭ ئىدىيە تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۇنى مانى دىنى، ئىسلام دىنىنىڭ بەزى ئەقىدىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دۇنياغا يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق، ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن ئىبارەت ئىككى مەنبە مەۋجۇت بولۇپ، بىر - بىرى بىلەن تىنماي كۈرەش قىلىپ تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ مەزھەپ ئاللانىڭ ۋەھىيىسىگە ئىشىنىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئىيسا ئەلەيھىسسالام، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە خۇررەمىيەنىڭ <پەيغەمبىرى> ئاللانىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەلچىلىرىدۇر، دەپ قارايدۇ. جەمئىيەتتىكى زۇلۇمغا، بايلىقنىڭ تەكشى تەقسىم قىلىنماسلىقىغا قارشى تۇرىدۇ. ھازىرقى ئىجتىمائىي تۈزۈم ئالەم قاراڭغۇلۇقىنىڭ ياكى يامانلىقىنىڭ مەھسۇلى، دەپ قارايدۇ. يەر ئومۇمنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇشنى، باج - سېلىق، ئالۋان - ياساقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، باراۋەر جەمئىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ مەزھەپكە ئاساسلىقى نامرات دېھقانلار، چارۋىچىلار، قۇللار، زوروئاسترىزم، مانى دىنى مۇخلىسلىرى ۋە يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان تۆۋەن قاتلامدىكى نۇرغۇن كىشىلەر قاتناشقان. بۇ مەزھەپنىڭ ئەقىدىسى ۋە سىياسىي تەشەببۇسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇقەننەئ قوزغىلىڭىغا ۋە بابەك قوزغىلىڭىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرىدىغان ئىدىيىنىڭ بايرىقى قىلىندى.