Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خۇڭ گۇرۇڭ
دائىرە: دۇنيا تارىخى洪国荣
hóng guó róng
(1748 - 1781) چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن زالىم ۋەزىر. ئەسلى ئىسمى دېلاۋ، يۇرتى فېڭشەن. 1772-يىلى ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. چىڭ زۇلى تەخت ۋارىسى بولغاندىن كېيىن، خۇڭ لىنخەن، جېڭ يۈەنچيەن قاتارلىق ھوقۇقلۇق زالىم ۋەزىرلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغاندا، خۇڭ گورۇڭ ئامال قىلىپ، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان، جىڭ زۇلى تەختىكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، سىڭلىسىنى ئوردىغا بانۇ قىلىپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق، جىق زۇلىنىڭ ئىشەنچسىگە ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بارلىق ھەربىي ۋە مۈلكىي ئەمەلدارلار ئۇنىڭغا سۆزسىز ئىتائەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ نوپۇزى بىر مەھەل تازا ئۆرلىگەن. خاننىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەنلىكتىن، خالىغانچە زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىپ، ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، ئاممىنىڭ نەپرىتىنى قوزغىغان، جېڭ زۇلىمۇ نارازى بولغان، نەتىجىدە جياڭ لىڭغا سۈرگۈن قىلىنىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.