Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خۇگېنوچىلار
دۇنيا تارىخى
胡格诺派
hú gé nuò pài
فرانسۇزچە Huguenots نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئادەتتە نېمىسچە Eidgenosen تىن كېلىپ چىققان دەپ قارىلىدۇ، مەنىسى <ئىتتىپاقچى> دېگەندىن ئىبارەت. ⅩⅥ - ⅩⅤⅢ ئەسىرلەردە فرانسىيىدىكى پروتېستانتلار (كالۋىنچىلار) نىڭ نامى. ئۇلارنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بۇرژۇئازىيە ۋە قول سانائەتچىلەر كالۋىن دىنىنى فېئودالىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ بايرىقى قىلىۋالغان؛ ئاقسۆڭەكلەر (بىر قىسىم چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كالۋىن دىنىدىن پايدىلىنىپ كورۇلنىڭ ئىستىبداتلىق يۈرگۈزگەنلىكىگە قارشى تۇرۇپ، يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ فېئوداللىق ئىمتىيازلىرىنى قوغداپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان. خۇگېنوچىلار بىلەن كاتولىك دىنى گۇرۇھلىرىنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى خۇگېنو ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1589-يىلى فرانسىيە كورۇلى ھېنرى Ⅳ <نانتې پەرمانى> نى ئېلان قىلىپ، خۇگېنوچىلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ئۇلارغا سىياسىي ۋە ھەربىي ئىمتىياز بەرگەن. 1629-يىلى سېلىيۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە يۇقىرىقى ئىمتىيازلارنى بىكار قىلغان. 1685-يىلى فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅣ ئاخىرى <نانتې پەرمانى> نى ئەمەلدىن قالدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن خۇگېنو مۇرتىلىرى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ياكى چەت ئەلگە چىقىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ⅩⅤⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرى فرانسىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە خۇگېنوچىلار كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولغان.