Uyghurئاساسىي لۇغەت
خۇەيشېڭ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
( پەيغەمبەرنى يادلاش مەسچىتى ) بۇ جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز ياقىسىدىكى تۆت چوڭ مەسچىتنىڭ بىرى بولۇپ، ئورنى گۇڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى گۇاڭتا كوچىسىدا. « گۇاڭتا مەسچىتى »، «شىزى مەسچىتى » دەپمۇ ئاتالغان. بۇ مەسچىت تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋە سۇڭ سۇلالىسى سېلىنغان، دېگەن سۆلەر بار. كۆپ ئىسىملار بىلەن ئاتالغان. بۇ ئىسىملارنىڭ ئىچىدە « خۇەيشىېڭ مەسچىتى » ( يەيغەمبەرنى يادلاش مەسچىتى ) دېگەن نام خېلى كەڭ قوللىنىلغان. مەسچىتتە 35.75 مېتىر كېلىدىغان مۇنار بولۇپ، ئەگمەچ پەلەمپەي بىلەن مۇنار ئۈستىگە چىققىلى بولىدۇ. مۇنارنىڭ ئۇچىدا يۇمۇلاق تۈۋرۈك بولۇپ، شامدەك كۆرۈنىدۇ. مۇنارنىڭ ئۇچىغا ئەسلىي ئالتۇن خوراز ياسالغان بولۇپ، شامالنڭ ئۇرۇشى بىلەن خوراز جەنۇب ياكى شىمالغا ئايلىنىپ تۇرغان. 1392 - يىلىدىكى بوراندا ئالتۇن خوراز ئۆرۈلۈپ كەتكەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئۇنىڭ ئورنىغا ھازىرقى قاپاقسىمان چوققا ياسالغان. مۇنار چوققىسىدىكى چىراغ دېڭىزدىكى پاراخوتلارغا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ مەسچىتتە يۈەن سۇلالىسىدىن چىڭ سۇلالىسىغىچە بولغان دەۋرلەردىلى نۇرغۇن ئابىدىلەر ساقلانغان. بۇ مەسچىت گۇاڭجۇدىكى مەنزىرىلىك سەككىز جاينىڭ بىرى، دەپ تەرىپلىنىدۇ.