Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
旭当
دۇنيا تارىخى
شۇتېم
(1885 - 1963) فرانسىيە زۇڭلىسى (1930، 1933 - 1934، 1937 - 1938). فرانسىيە رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسى داھىيلىرىنىڭ بىرى. پارىژدا تۇغۇلغان. دەسلەپتە ئادۋوكات بولغان. 1919 - يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولغان، 1934 - يىلدىن باشلاپ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى (1924، 1925 - 1926، 1930، 1932 - 1934)، ئەنگىلىيە مىنىستىرى (1925)، دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى (1936 - 1937) ۋە مۇئاۋىن زۇڭلى (1938 - 1940) بولغان. 1937 - يىلى خەلق سېپى نامىدىن كابىنېت تەشكىللىگەن. لېكىن خەلق سېپىنىڭ پروگراممىسىنى ئىجرا قىلمىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فاشىست گېرمانىيىسىگە تەسلىم بولۇشقا قوشۇلغان. ھەمدە ۋىشى ھۆكۈمىتىگە قاتناشقان. 1940 - يىلى ئامېرىكىغا ئەلچى بولۇپ بارغان. 1947 - يىلى سىرتتىن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، پۇقرالىق ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىنغان. ۋاشىنگتوندا ئۆلگەن