Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خۇاڭ خۇاتەن
دائىرە: دۇنيا تارىخى黄花探
huáng huā tàn
(1857 - 1913) ۋيېتنامدىكى ئەنشى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى. ئەسلى ئىسمى جاڭ ۋېنتەن، ياللانما دېھقاندىن كېلىپ چىققان. قوزغىلاڭدىن كېيىن ئۆزىنى باش بۇغ دەپ ئاتىغاچقا تىشەن دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ پادىشاھقا خىزمەت قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1892-يىلدىن تارتىپ ئەنشى رايونىدىكى دېھقانلارنىڭ پارتىزانلىق ھەرىكىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرى بىلەن 30 يىلغا يېقىن كۈرەش قىلغان. جۇڭگودىكى قارا بايراق قوشۇنى ۋە سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىك قىلغان ئىنقىلابىي ھەرىكەت بىلەن ئالاقە باغلىغان. 1913-يىلى 2-ئايدا ساتقىنلار تەرىپىىن ئۆلتۈرۈلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.