Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خىتىن
بىئولوگىيە
丁几质
dīngjǐzhì
خىتىن ئىنگلىزچىدىكى chitin نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئۇ بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ سىرتقى سۆڭەك ئىچكى ئېپىتېلىيىسى ۋە سىرتقى ئېپىتېلىيىسىدە مەۋجۇت بولۇپ، بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلاغا خاس ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرى مولېكۇلىلىق ئازوتلۇق پولى ساخارىدلاردىن بولۇپ، تۈزۈلۈشى سېلليۇلوزىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان (ئاز بولغاندا نەچچە يۈز) N - ئاتسېتىل - D - گلۇكوزامىنلارنىڭ زەنجىرسىمان پولىمېرلىرىدىن تەركىب تاپقان، مولېكۇلا فورمۇلىسى (C32H54N4O21)، مولېكۇلا ئېغىرلىقى ناھايىتى چوڭ. ئۇلارنىڭ تۈزگەن زەنجىرلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خىتىنلارنىڭ مولېكۇلا ئېغىرلىقىمۇ بىردەك بولمايدۇ. رەڭسىز، شەكلى تۇراقسىز قاتتىق جىسىم بولۇپ، يۇمشاق، ئېلاستىك. سۇيۇق كىسلاتا، سۇيۇق ئىشقار (ئاساس)، ئېفىر قاتارلىق ئېرىتكۈچىلەردە ئېرىمەيدۇ. ئەگەر كالتسىي تۇزلىرى ئارىلىشىپ كەلسە قاتتىقلىشىدۇ. شۇڭا خىتىنلىق سىرتقى سۆڭەكنىڭ ئىچكى ئورگانلارنىڭ خىمىيىۋى ماددىلارنىڭ چىرىتىشى ۋە مېخانىك زەخىملىنىشىگە ئۇچرىشىدىن ساقلاش رولى بولىدۇ، شۇنىڭدەك ھايۋان بەدىنىدە تىرەكلىك رول ئوينايدۇ.
ئۇنىۋېرسال,تېببىي
几丁质
jǐ dīng zhìDتېببىي
甲壳质
jiǎ qiào zhì