Uyghurئاساسىي لۇغەت
خىتاب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۆز بىلەن قىلىنغان ئىلتىماس، مۇراجىئەت:
بۇيرۇق:
1. ئەگەر يېتىشسە ئەجەل بىر نەفەس ئارام بەرمەس،
خىتاب زائىقەتۇل - مەۋت ئىلە لەبىل - مىر ساد.
شەۋقى.
2. قىلدىم ئېسە كىمىيا خىتابىڭ،
يىبەردى بۇ يەڭلىغ خىتاب ئەيلەبا.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئالدىدىكى كىشىگە (ئىككىنچى شەخسكە) سۆزلەش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھاياجانلىق نىدا، چاقىرىق.
ئىشقىتۇر ئەبەدىيلىك ئەۋجىدە ئاپتاپ، ھايات چىمەندە بەخىتتىن خىتاب. ئاھ خۇدا، _ ئۇ خۇداغا ئىتاپ قىلىپ، نېمىشقا مېنى بۇنداق ئىشىق يولىغا سەپقۇيدۇڭ، _ دېدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپكە بولغان بىرەر كۈچلۈك ھېس - تۇيغۇسىنى، ھاياجىنىنى ئىپادىلەيدىغان چاقىرىق، مۇراجىئەت.
خىتاب قىلماق.