Uyghurئاساسىي لۇغەت
خرۇشېۋ
دۇنيا تارىخى
(1894 - 1971) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى (1953 - 1964). سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى (1958 - 1964). ئوكرائىنالىق. كان ئىشچىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. پادىچى، سىلىسار بولۇپ ئىشلىگەن. 1918-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1929-يىلى موسكۋا سانائەت شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1934-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) موسكۋا ئوبلاستلىق كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى، قوشۇمچە شەھەرلىك پارتكومنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى بولغان. 1938-يىلدىن ئېتىبارەن پارتىيىنىڭ ئوكرائىنا مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى بولغان. 1939-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېنېرال مايور ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن دەسلەپكى مەزگىلدە پارتىيىنىڭ ئوكرائىنا مەركىزىي كومىتېتىنڭ بىرىنچى سېكرىتارى ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتىگەن ھەمدە ئوكرائىنا جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1949-يىلى 12-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋە موسكۋا ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى بولغان. 1952-يىلى 10-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1953-يىلى 3-ئايدا ستالىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان، كېيىن بىرىنچى سېكرىتارى، مىنىستىررلا سوۋېتىنىڭ رەئىسى بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارىيىسىنىڭ 1956-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 20-قۇرۇلتىيىدا <شەخسكە چوقۇنۇشقا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى> دېگەن مەخپىي دوكلات بېرىپ، ستالىننى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان. ھوقۇق تۇتقان مەزگىلدە زومىگەرلىك لۇشيەنى ۋە سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1964-يىلى 10-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا بلغاندا، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ۋەزىپىلەردىن ئېلىپ تاشلانغان.